خىتاي تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ توكيو ئولىمپىكىدىكى قىزىل تەشۋىقاتى غۇلغۇلا قوزغىدى

توكيودا داۋاملىشىۋاتقان 33-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جەريانىدا خىتاي تەنھەرىكەتچىلەر مۇكاپات سەھنىسىگە ماۋ زېدۇڭنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئىزناك تاقاپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان.

BBC نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 2-ئاۋغۇست ئاياللار ۋېلىسىپىت مىنىش مۇسابىقىسىنىڭ كوللېكتىپ تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن باۋ شەنجۈ، جۇڭ تيەنشى ئىسىملىك ئىككى خىتاي ماھىر مېدالنى تاپشۇرۇۋالغاندا، قانخورلۇقى بىلەن تونۇلغان خىتاي رەھبىرى ماۋ زېدۇڭنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئىزناكنى تاقاپ سەھنىگە چىققان.

خىتاي تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بۇ قىزىل تەشۋىقاتى خىتايلارنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، يەرشارى ۋاقىت گېزىتى قاتارلىق خىتاينىڭ رەسمىي تەشۋىقات ئورگانلىرىمۇ بۇنى قوللاپ خەۋەر تارقاتقان. ئەمما بۇ يەنىلا خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان.

ئولىمپىك نىزامنامىسىنىڭ 50-ماددىسىدا بېكىتىلىشىچە، ئولىمپىك جەريانىدا تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ۋە كوماندا مەسئۇللىرىنىڭ كىيىم-كېچەك ياكى جابدۇقلىرىدا سىياسىي ياكى سودا خاراكتېرلىك تەشۋىقات چەكلىنىدىغان بولۇپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى، ھەتتا ئولىمپىك مەيدانىغا كىرىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدىكەن. خىتاي تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بۇ ھەرىكىتى مەزكۇر ماددىغا خىلاپ دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى خىتاي ئولىمپىك كومىتېتىدىن بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان، شۇنداقلا بۇ ئىشنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي كومپارتىيەسى يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئاخبارات ۋە مائارىپ ساھەسىدە قىزىل تەشۋىقاتىنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەزگىلىدە تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان. جۈملىدىن يېقىنقى مەزگىللەردە ماۋ زېدۇڭنىڭ ئىزناكلىرى، كىتابچىلىرى ۋە سۈرەت-ھەيكەللىرىنىڭ قايتىدىن دۇكانلاردا كۆزگە چېلىقىشى ھەققىدە خەۋەرلەر يېزىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەزىل پىلانلىرى ھەققىدە تۈرلۈك تەھلىللەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 5923 قېتىم كۆرۈلدى
04/08/2021 09:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق