تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىلىرى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىپتىخارلاندۇرماقتا

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان ساباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى 2-ئاۋغۇست بۇ يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ياش ئابدۇللاھ مۇيدىنئوغلىنىڭ ئەلا نەتىجە بىلەن ئۇنىۋېرسىتېت بويىچە بىرىنچى بولۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىپتىخارلاندۇردى.

ئابدۇللاھ مۇيدىنئوغلى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىسلامىي بىلىملەر كەسپىدە ۋە تارىخ كەسپىدە تەڭلا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل ئىسلامىي بىلىملەر كەسپى بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغان. ئۇ تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا نەتىجىسى ئۇنىۋېرسىتېت بويىچە بىرىنچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن مەيداندىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا، ئاتا-ئانىلارغا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇش جەريانىنى، بۇ جەرياندا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنى ۋە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نۆۋەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، پۈتۈن دۇنيانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. مۇراسىمدا تۈركىيە پىرېزىدېنتى ئەردوغاننىڭ ئوغلى نەجمەتتىن بىلال ئەردوغان ئابدۇللاھ مۇيدىنئوغلىغا تەقدىرنامە ۋە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

بۇلاردىن سىرت تۈركىيەدىكى ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان ياشلاردىن ئۆمەر يۈكسەلمۇ مالايشىيا ئىسلام بىلىملىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈركىيەدىكى تارمىقىدا ئىسلام بىلىملىرى فاكۇلتېتى قۇرئان-ھەدىس بۆلۈمىنى ئەلا نەتىجە بىلەن بىرىنچى بولۇپ پۈتتۈرگەن. ھەر ئىككىلا ياش شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ ۋە ئىلىميار ياشلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ، ياشلارنى ئويغىتىش، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش جەھەتتە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمى سەۋەبلىك تۈركىيەگە ھىجرەت قىلغان ياكى مىسىردىكى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇش مەسىلىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. نۆۋەتتە سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋە مىللەتپەرۋەر ساخاۋەتچىلەرنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى ئارقىسىدا زور تۈركۈمدىكى ياشلار تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تۈرلۈك كەسىپلەر بويىچە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرماقتا. شۇنداقلا ئوقۇشتىكى تىرىشچانلىقى، دىيانىتى، ئەدەپ-ئەخلاقى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 6526 قېتىم كۆرۈلدى
03/08/2021 13:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق