تاراتقۇلار: خىتاي ئولىمپىكتىن بۇرۇن چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا تەھدىتنى كۈچەيتىشى مۇمكىن

بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان، نۇرغۇن تەنقىد ۋە قارشىلىقلارغا دۇچ كەلگەن 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى يېقىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي رېجىمىنىڭ چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا تەھدىتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، نۇرغۇنلىغان چەت ئەل تاراتقۇلىرى بېيجىڭغا بېرىپ، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى خەۋەر قىلىشقا قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۇلار خىتاي رېجىمىنىڭ ئاشقۇن مىللەتچىلىك ۋاسىتىسى بىلەن خىتاي ئاممىسىغا قارىتا قۇتراتقۇلۇق قىلىش نەتىجىسىدە، تۈرلۈك پىلانلىق قارشىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاينىڭ ئورگان تاراتقۇلىرى، دىپلوماتلىرى ۋە باشقا ئەمەلدارلار يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە چەتئەل مۇخبىرلىرى ۋە تاراتقۇلىرىنى «خىتاي ھەققىدە يالغان خەۋەر تارقاتتى» دەپ كۆپلەپ ئەيىبلەش ئارقىلىق، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دۈشمەنلىك كەيپىياتىنى كۈچەيتكەن. ئالدىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر ئىشلىگەنلىكى سەۋەبلىك، خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىغا دۇچ كەلگەن BBC قانىلىدىن سىرت، يەنە باشقا تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ بۇنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان. جۈملىدىن گېرمانىيە ۋە ئامېرىكىلىق ئىككى مۇخبىر ئالدىنقى ئايدا خېنەن ئۆلكىسىدە كەلكۈن ھەققىدە دوكلات بەرگەندە، خىتاي ئاممىسى تەرىپىدىن «خىتايغا قارشى گەپ-سۆز تارقاتتى» دەپ قورشىۋېلىنغان ۋە بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن بىر نەچچە ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۆلۈم تەھدىتى ۋە تەھدىت تېلېفونى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

بۇ ئەھۋال خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مەزگىلىدە خىتايدىكى مىللەتچىلىك كەيپىياتى داۋاملىق كۈچىيىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلگەن. خىتايدىكى چەت ئەللىك مۇخبىرلار جەمئىيىتى ئالدىنقى ھەپتە خىتاي كومپارتىيەسىگە چېتىشلىق تەشكىلاتلارنىڭ بىر قىسىم سۆزلىرىنىڭ چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي رېجىمىنىڭ چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا قاراتقان بېسىم ۋە چەكلىمىلىرى سەۋەبلىك، خىتايدا خىزمەت قىلىدىغان ياكى ۋاقىتلىق زىيارەت ئۈچۈن بارىدىغان چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسى بارا-بارا كۈچەيگەن. بولۇپمۇ خىتاي دائىرىلىرى 2018-يىلى «جاسۇسلۇق» جىنايىتى بىلەن ئىككى كانادالىقنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، بۇ خىل ئەندىشە تېخىمۇ كۈچەيگەن.

بىر قىسىم ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەققىدە خەۋەر ئىشلەشنى ئىلتىماس قىلغان مۇخبىرلارنى ئالدىنئالا تەكشۈرىدىغان بولۇپ، خىتاينى تەنقىد قىلىپ كەلگەن بىر قىسىم مۇخبىرلار ئولىمپىكقا قاتنىشالماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ خەۋەر 6043 قېتىم كۆرۈلدى
03/08/2021 12:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق