ئەڭ يېڭى دوكلات: خىتاي ۋىرۇسى ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدىن تارقالغان

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى خىتاي ۋىرۇسى مەنبەسى ھەققىدىكى دوكلاتىنىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش مەنبەسى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. 

ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەزاسى مايكىل مىكول (Michael McCaul) باشچىلىقىدىكى ئاۋام پالاتاسى خىتاي خىزمەت گۇرۇپپىسى بۈگۈن خىتاي ۋىرۇسى مەنبەسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ئوخشاش تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ داۋامى ئىكەن.

دوكلاتتا خىتاي ۋىرۇسنىڭ 2019-يىلى 9-ئايدىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى، زور مىقداردىكى دەلىل-ئىسپاتنىڭ خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات مەركىزىدىن تارقالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان، شۇنداقلا خىتاي ۋىرۇسىنىڭ گېن ئۆزگەرتىلىش ئارقىلىق ياسالغان بولۇشى مۇمكىنلىكى، شۇڭا تولۇق تەكشۈرۈش لازىملىقى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات مەركىزىدىن تارقالغانلىقى ۋە بۇنىڭ 2019-يىلى 12-سېنتەبىردىن بۇرۇنلا يۈز بەرگەنلىكىگە ئالاقىدار نۇرغۇن پاكىتلارنىڭ بارلىقى، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچتە، ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات مەركىزىنىڭ تۇيۇقسىز ۋىرۇس ئامبىرى ۋە ئەۋرىشكە سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى تورسىزلاشتۇرغانلىقى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا «تور ھۇجۇمىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن» دەپ باھانە كۆرسەتكەنلىكى بايان قىلىنغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ۋۇخەننىڭ 2019-يىلى 9-ئاي ۋە 10-ئايدىكى سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرىتىگە ئاساسلانغاندا، ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات مەركىزىگە يېقىن يەرلىك دوختۇرخانىلارنىڭ زىيارەت قېتىم سانى كۆرۈنەرلىك ئاشقان، خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى بار بىمارلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ گېن ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ياساپ چىقىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكى، ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات مەركىزىنىڭ 2017-يىلىلا ئىز قالدۇرماي گېن تەرتىپىنى ئۆزگەرتىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەنلىكى، شۇڭا بۇ خىل مۇمكىنچىلىكنى ئالدىراپ چەتكە قېقىشقا بولمايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

بۇندىن ئىلگىرى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقالغانلىقى ھەققىدىكى قاراش ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق ئىلىم-پەن ئورگانلىرى ۋە تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن سۇيىقەست نەزەرىيەسى دەپ قارالغان بولسىمۇ، ھازىر كۆپلىگەن ئالىم ۋە سىياسىيونلار بۇ ئېھتىماللىقنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 861 قېتىم كۆرۈلدى
02/08/2021 17:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق