خىتاي ۋىرۇسىنىڭ دېلتا ۋارىيانتى پۈتۈن دۇنيادا ئەندىشە قوزغىماقتا

خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئەھۋالى تۇراقسىز بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ يېڭى نۇسخىسى بولغان دېلتا ۋارىيانتىغا قارىتا خەلقئارانى ئاگاھلاندۇرغان.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تېزدىن تەدبىر قوللىنىپ، ۋەزىيەت يەنە بىر قېتىم يامانلىشىشتىن ئىلگىرى نۆۋەتتىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىشقا چاقىرغان.

خىتاي ۋىرۇسىنىڭ دېلتا ۋارىيانتى تۇنجى قېتىم ھىندىستاندا بايقالغان بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ نۇسخىنىڭ دۇنيادىكى 132 رايوندا پەيدا بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئالدىنقى تۆت ھەپتىدە ئافرىقىدىكى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ %80 ئېشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

31-ئىيۇل خىتاي سەھىيە كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فۇجيەن ئۆلكىسى ۋە چۇڭچىڭ شەھىرىدىمۇ يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالغان بولۇپ، بۇ ئىككى رايون بۇندىن ئىلگىرى دېلتا ۋارىيانتى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالغان بېيجىڭ ۋە باشقا تۆت ئۆلكە قاتارىغا قوشۇلغان.

بۇ رايونلاردىكى يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 55 كە يەتكەن بولۇپ، 20-ئىيۇل جياڭسۇ ئۆلكىسىدە تۇنجى قېتىم يۇقۇملانغۇچىلار بايقالغاندىن بۇيان، خىتايدا خاتىرىلەنگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 200 دىن ئېشىپ كەتكەن.

خىتاي تەۋەسىدە يۇقۇملىنىش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن، نەنجىڭ دائىرىلىرى نۆۋەتتە بارلىق ساياھەت نۇقتىلىرى ۋە مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنى تاقاشقا بۇيرۇغان، شۇنداقلا يەنە توققۇز مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىسىگە ئىككى قېتىم يادرو كىسلاتاسى سىنىقى قىلغان.

دېلتا ۋارىيانتىنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم كىشىلەر ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۈچىنچى قېتىم كۈچەيتكۈچى ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ لازىملىقىنى بىلدۈرگەن. بەزى تېببىي مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنى تولۇق ئەملەتكەن كىشىلەر ئارىسىدىمۇ ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش كۈچىدە نىسبەتەن تۆۋەنلەش كۆرۈلگەنلىكىدەك يەكۈننى چىقارغان. نۆۋەتتە ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى 60 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى كىشىلەرگە ئۈچىنچى قېتىملىق خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى ئەملەشنى باشلىغان.

بۇ خەۋەر 965 قېتىم كۆرۈلدى
02/08/2021 16:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق