ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنىمۇ خىتايلارنىڭ پاراكەندىچىلىكى ئىچىدە ئۆتكۈزگەن

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان سىياسىتى»نى يولغا قويۇپ، بىر تەرەپتىن خەلقنى نازارەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە ياشىشىنى چەكلەپ كەلمەكتە.

يېقىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان قۇربان ھېيت كۈنلىرىنىمۇ خاتىرجەم ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكى، خىتايلارنىڭ ھېيت مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە «قوشماق تۇغقان» نامى توپ-توپ بولۇپ بېرىۋالغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئامالسىز ھالدا خىتايلارنى كۈتۈۋېلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇندىن بۇرۇنقى سىنلاردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشقان خىتايلارنىڭ ھاراق ئىچىپ، تاماكا چېكىپ، ئۆي ئىگىسىگە خالىغانچە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى، ھەتتا ئۇلارنى ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك دېمەستىن ھاراق ئىچىشكە زورلاۋاتقانلىقى، كىچىك بالىلارنى ئۇسسۇل ئويناشقا سېلىۋاتقانلىقىدەك ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەر ئاشكارىلانغان ئىدى.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدى ۋە بېسىمىغا قارىماي، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈرلۈك ھېيتلىق پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇش بىلەن بىرگە، ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نامى بىلەن، خىتايلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە بىرگە يېتىپ-قوپۇشقا، يەپ-ئىچىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلمەكتە ۋە بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھاراق ئىچىش، بىر ئۆيدە يېتىپ-قوپۇش دېگەندەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە، دىنىي ئېتىقادىغا تۈپتىن زىت بولغان قىلمىشلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى مەنىۋى جەھەتتىن خورلاپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1295 قېتىم كۆرۈلدى
31/07/2021 15:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق