قەشقەر دائىرىلىرى چېگرا يول خېتى بېجىرىش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى

قەشقەر رادىيو-تېلېۋىزىيە تورىنىڭ ئالدىنقى كۈنلەردە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى «چېگرا يول خېتى بېجىرىشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار» نامىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. 

ئۇقتۇرۇشتا چېگرا يول خېتىنى بېجىرىدىغانلارنىڭ چوقۇم 16 ياشتىن ئاشقانلار بولۇشى كېرەكلىكى، قەشقەر شەھىرى نوپۇسىدىكىلەرنىڭ چوقۇم كۈچكە ئىگە كىملىكى، مەھەللە چىقىرىپ بەرگەن ئىسپات بولۇشى كېرەكلىكى، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ چوقۇم ئۆز ئورنى چىقىرىپ بەرگەن ئىسپاتى، كۈچكە ئىگە خىزمەت كىنىشكىسى، كۈچكە ئىگە كىملىكى بولۇشى كېرەكلىكى، خۇسۇسىي كارخانا، پۇقراۋىي كارخانا خادىملىرىنىڭ بولسا چوقۇم تىجارەت كىنىشكىسى، سالاھىيەت ئىسپاتى، كۈچكە ئىگە سالاھىيەت كىملىكى بولۇشى، قەشقەر شەھىرىدە دائىم تۇرۇشلۇق كۆچمەن خادىملار، تىجارەتچى، ئىشلەمچى، دېھقان قاتارلىق مۇقىم كەسپى يوق پۇقرالارنىڭ چوقۇم ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى، كۈچكە ئىگە كىملىكى بولۇشى كېرەكلىكى، نوپۇسى قەشقەر شەھىرىدە بولمىغان كىشىلەرنىڭ چوقۇم ئەسلىدىكى نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇندا بېجىرىشى كېرەكلىكى... قاتارلىق شەرتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان چېگرا يول خېتىگە ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشنىڭ ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تاشقورغان ناھىيەسى ئارقىلىق ئافغانىستان بىلەن چېگرالىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا 92 كىلومېتىرلىق دائىرىدە ۋاخان كارىدورى بىلەن تۇتىشىدىغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئافغانىستان ۋەزىيىتى سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان چەكلىمىنى، جۈملىدىن چېگرا رايونىغا نىسبەتەن تەدبىرلەرنى تېخىمۇ چىڭىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1258 قېتىم كۆرۈلدى
31/07/2021 15:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق