ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى: بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قاتنىشىشىم قەتئىي مۇمكىن ئەمەس

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 30-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دومىنىك راب(Dominic Raab)29-ئىيۇل ئەنگلىيە «ئاسمان خەۋەرلىرى» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى سەزگۈر ۋەزىيەت سەۋەبىدىن، كېلەر يىلىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنىڭ قەتئىي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك، بايدېن ھۆكۈمىتى ئىتتىپاقداشلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەسىلىسىدە بىر مەۋقەدە تۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان. ئەنگلىيە جونسون ھۆكۈمىتى ئۆكتىچى ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى سىياسىي جەھەتتىن بايقۇت قىلىش تەلىپىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن. ئەمما دومىنىك رابنىڭ ئېيتىشىچە، ئىچكى كابىنېت مىنىستىرلىرى ئەنگلىيەنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى سىياسىي مەۋجۇتلۇقىنى ئازايتىشنى قارار قىلالايدىكەن.

دومىنىك راب يەنە: «ئەنگلىيەدە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىش-قاتناشماسلىقى قانۇنلۇق ھالدا ئولىمپىك كومىتېتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە پارلامېنتى ئالدىنقى ھەپتە چەكلەش كۈچىگە ئىگە قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان. ئىشچىلار پارتىيەسى ئەگەر خىتاي ب د ت تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈشىگە يول قويمىسا، ئەنگلىيە ئىچكى كابىنېت مىنىستىرلىرى ۋە خان جەمەتى ئەزالىرىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1389 قېتىم كۆرۈلدى
31/07/2021 13:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق