ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاينىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلماقچى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 29-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ پارتىيە ھالقىغان ئەزالىرى مەخسۇس بىر گۇرۇپپا تەشكىللەۋاتقان بولۇپ، خىتاي  رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم سۇزى(Tom Suozzi)ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس(Chris Smith)مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان.

ئاكسىيوسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋام پالاتاسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەزالىرى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا بۇ گۇرۇپپىنى قۇرۇشتىكى مەقسەتنىڭ 21-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ ۋە تەشكىللىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئالاقىدار قانۇنلارنى قوللاشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

كىرىس سىمىس بۇ ھەقتىكى بىر باياناتىدا: «ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش قىلمىشى خىتاي كومپارتىيەسى سادىر قىلغان قەبىھ جىنايەتتۇر» دېگەن.

ئۇندىن باشقا كېڭەش پالاتاسى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ماقۇللىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نىڭ تەرەققىياتىمۇ دىققەت قىلىنىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسى ئوخشاش نۇسخىدىكى قانۇن لايىھەسىدە بىرلىككە كەلسە، ئاندىن ئاقسارايغا ئەۋەتىلىپ، پىرېزىدېنت بايدېننىڭ ئىمزا قويۇشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىكەن.

بۇ خەۋەر 866 قېتىم كۆرۈلدى
31/07/2021 13:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق