خېنەندىكى كەلكۈندە كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان 91 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

خىتاي خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خېنەننىڭ قىسمەن جايلىرى يەنىلا خەتەر ئىچىدە قالغان بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى داۋاملىق كۆپەيمەكتە. 

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خېنەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئۇچۇر ئىشخانىسى 29-ئىيۇل كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش جىددىي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندا ئاشكارىلىنىشىچە، 29-ئىيۇل سائەت 12:00 گىچە خېنەندىكى قاتتىق يامغۇر سەۋەبلىك يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 99 غا يەتكەن. جېنجۇ مېتروسى بەشىنچى نومۇرلۇق لىنىيەسى سۇدا غەرق بولۇپ، 14 نەپەر ئادەم ئۆلگەن. 

26-ئىيۇلدىن 29-ئىيۇلغىچە، شېنياڭ، جۇمادىيەن، جۇكوۋ، شاڭچيۇ، كەيفېڭ، پۇياڭ،  شىنشياڭ، خېيى، ئەنياڭ قاتارلىق يەرلەردە قاتتىق يامغۇر ياغقان ھەمدە قاتتىق بوران چىقان. 

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم خېنەندە يۈز بەرگەن قاتتىق يامغۇر خېنەن ئۆلكىسىدىكى 1573 يېزا-بازاردىكى 150 دىن ئارتۇق ناھىيە (شەھەر، رايون) دىكى 13 مىليون 320 مىڭ ئادەمگە تەسىر قىلغان. كەلكۈن كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي زىيان 91 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، تەخمىنەن 14 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ كېلىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1014 قېتىم كۆرۈلدى
30/07/2021 16:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق