ئامېرىكا تەيۋەننىڭ خىتاي خەرىتىسىدە كۆرسىتىلىشىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى

تەيپىي ۋاقتى گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى چارشەنبە كۈنى چەتئەلنىڭ ياردەم خىراجىتى قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللاپ، مەبلەغنىڭ تەيۋەننى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ تەسۋىرلەيدىغان خەرىتە ياساش، سېتىۋېلىش ياكى كۆرسىتىشكە ئىشلىتىلىشىنى چەكلىدى.

بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ بەش ۋەكىلى - توم تىفانى، ستېۋ چابوت، سكوت پېررىي، كات كامماك ۋە مايك گاللاگېر ئوتتۇرىغا قويدى ۋە باشقا ئون نەچچە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق بىراقلا ماقۇللاندى.

تىفانى چارشەنبە كۈنى ئاۋام پالاتاسىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ بىر ئورتاق ئەقىل ئۆلچىمى. ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، تەيۋەن ئەزەلدىن كوممۇنىست خىتاي بىر قىسمى ئەمەس. تەيۋەن خەلقى ئۆزلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى سايلايدۇ، ئۆزلىرىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى كۈچەيتىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارا سودا كېلىشىمىنى ساقلايدۇ».

پارلامېنت ئەزاسى ستىۋ چابوت سۆز قىلىپ: «ھەر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەيۋەن ئىگىلىك ھوقۇقلۇق، دېموكراتىك ۋە مۇستەقىل دۆلەت،  بۇنىڭغا قارشى ھەر قانداق تەلەپ پەقەت يالغاندىن ئىبارەت» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.  

تىفانى خىزمەتداشلىرىغا ئامېرىكىنىڭ سەمىمىيەتسىز «بىر خىتاي» سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمىغاندا، بۇنىڭ «بېيجىڭنىڭ تەيۋەننىڭ كوممۇنىست خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىدەك يالغان جېدەللىرى» نى ئېتىراپ قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە گەرچە بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى بىر خىتاي سىياسىتىنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرمىسىمۇ، ئەمما بىز «ھېچ بولمىغاندا سەمىمىي خەرىتە ئىشلتىشنى تەلەپ قىلالايمىز، ئەمدى «بىر خىتاي» سىياسىتى يالغانچىلىقىنى داۋاملاشتۇرمايمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى، «تاشقى تىجارەت ۋە ئالاقىدار پروگراممىلارنى تەقسىملەش قانۇنى 2022» ناملىق تولۇق چىقىم قانۇن لايىھىسى كۆپ سانلىق ئەزالارنىڭ بېلەت تاشلىشى بىلەن ماقۇللاندى. بۇ قانۇن لايىھىسى كېيىنكى قەدەمدە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىغا بارىدۇ، ئەگەر تەستىقلانسا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىنغا ئەۋەتىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ تەستىقىدىن كېيىن قانۇنغا ئايلىنىدۇ.

Newsweek نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ئوۋ جياڭئەن تاراتقۇلارغا ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ «ئەمەلىي ھەرىكەتلەر بىلەن تەيۋەننى داۋاملىق قوللىغانلىقى» ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ Newsweek قا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «تەيۋەن بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى قوللايدۇ، ئامېرىكا ئىجرائىيە ۋە قانۇن چىقىرىش تارماقلىرى بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلايدۇ، ئامېرىكا-تەيۋەننىڭ ئاكتىپ مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ».

بۇ خەۋەر 904 قېتىم كۆرۈلدى
30/07/2021 16:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق