ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى خىلتون گۇرۇھىدىن خوتەندىكى مېھمانساراي قۇرۇلۇشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى خىلتون گۇرۇھىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەندىكى مېھمانساراي قۇرۇلۇش تۈرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى، دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي(Jeff Merkley)ۋە بىرلەشمىنىڭ رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەزاسى جېيمىس پ.مكگوۋرېن(James P. McGovern)29-ئىيۇل خىلتون يەر شارى مېھمانخانا گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كرىستوفىر ناسسېتتا(Christopher Nassetta)غا مەكتۇپ يوللىغان. 

مەكتۇپتا، خىلتون گۇرۇھى 2018-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن رايونىدا خىتاي تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان مەسچىت ئورنىغا مېھمانخانا سالماقچى بولغان خەۋەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، خىلتوننىڭ ئۆز نامىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە زۇلۇمغا قاتنىشىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىشلىتىشىگە يول قويماسلىقى كېرەكلىكى، شەرقىي تۈركىستاندا خەلقئارالىق ماركىلارنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى خىتايغا نىسبەتەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئاممىۋىي پۇرسەت بولۇپ قالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەكتۇپتا يەنە: «خىلتون گۇرۇھىنىڭ ب د ت يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىغا ئىمزا قويۇپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن شىركەت ئىكەنلىكى ئەسلىتىلىپ، شۇڭا بىز خىلتوننىڭ تەدبىر قوللىنىپ، خوتەندىكى مېھمانخانا قۇرۇلۇش تۈرى ۋە ئۇنىڭ ماركىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى توختىتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشىنى رەت قىلىش سېپىگە قوشۇلۇشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېيىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، فېدېراتىپ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىس قاتارلىقلارمۇ بۇ مەكتۇپقا ئورتاق ئىمزا قويغان.

بۇ خەۋەر 1030 قېتىم كۆرۈلدى
30/07/2021 16:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق