خىتاي ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇشقا ماسلىشىشقا تەشكىللىگەن

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 24-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئاچقان. يىغىندا ئەسكەرلەردىن ئارمىيەدىن چېكىنگەن بولسىمۇ بىراق پارتىيەدىن چېكىنمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان. 

يىغىنغا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن كومىسسارى قورچاق ئەمەلدار نىياز ھاشىم، ئۆمەرجان ئىمىن قاتارلىقلار قاتناشقان. يىغىندا، خىتاي ئەسكەرلىرىدىن خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەگىشىپ مېڭىش، ئاتالمىش شىنجاڭنى باشقۇرۇش خىزمەتلىرىدە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. يىغىندا يەنە، نازارەت قىلىش ۋە يېڭى تۈزۈملەرنى يولغا قويۇشتا قىسىمدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئالاقىنى ئۇلاپ، ئوخشاش چاستوتا ئاۋازىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، قىسىمدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرگە سىياسەت ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، قىزىل ھېكايە سۆزلەش ۋە جامائەت پىكىرىنى تەشۋىق قىلىش تەلەپ قىلىنغان. 

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى كونترول قىلىش ۋە خىتايلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئاققۇن خىتايلارنى كۆپلەپ كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، خىتاي پۇقرالىرىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى نازارەت قىلىشقا تەشكىللىگەندىن باشقا يەنە، قىسىمدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىمۇ شەرقىي تۈركىستاننى كونترول قىلىش، خەلقنى باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا ھەمدەمدە بولۇشقا تەشكىللىگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1453 قېتىم كۆرۈلدى
29/07/2021 15:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق