تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكى بۈگۈن خىتايدا زىيارەتتە بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تالىبان ئافغانىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغاندىن بۇيان، تالىبان يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇنجى بولۇپ خىتاينى زىيارەت قىلغان. تالىباننىڭ خىتاي زىيارىتى ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىنى تېزلەتكەن بىر پەيتكە توغرا كەلگەن.

تالىبان سىياسىي كومىتېتى مەسئۇلى موللا ئابدۇلغەنى بارادار باشچىلىقىدىكى تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكى بۈگۈن تيەنجىنگە يېتىپ بېرىپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتە ئورگان تور بېتىدە خەۋەر ئېلان قىلغان.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشتە تالىباننىڭ ئافغانىستاندا زور سىياسىي ۋە ھەربىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئافغانىستانىڭ تىنچلىقى ۋە قايتا قۇرۇش باسقۇچىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن سىرت، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ئۇ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارالىق تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى، خىتايغا تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك تالىباننىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بىلەن چەك-چېگراسىنى ئايرىشىنى ۋە ئۇلارغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئابدۇلغەنى بارادار خىتاينىڭ ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان دوستى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتايغا رەھمىتىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا تالىبان تەرەپنىڭ ھەرقانداق بىر كۈچنىڭ ئافغانىستان زېمىنىدىن پايدىلىنىپ، خىتايغا زىيانلىق ئىش قىلىشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى، ئافغانىستاننىڭ قوشنا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەت دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇپ چىقىش ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۆپرەك قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تالىباننىڭ ئافغانىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغاندىن بۇيان، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنى تۇنجى قېتىم خىتايغا ئەۋەتىشى ئىكەن. خىتاي 2019-يىلىمۇ تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا تالىبانلار ئافغانىستاننىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى دېڭ شىجۈن بىلەن كۆرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 1059 قېتىم كۆرۈلدى
28/07/2021 14:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق