بايدېن: ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي ۋەزىپىسى ئاخىرلاشتى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي ۋەزىپىلىرىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بايدېن بىلەن ئىراق باش مىنىستىرى مۇستافا كازىمى 26-ئىيۇل بىر كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقتىكى 18 يىل داۋاملاشقان ئۇرۇش ۋەزىپىسى 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا رەسمىي ئاخىرلىشىدىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىدا ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىشى بىلەن، بايدېن بىر نەچچە ئاي ئىچىدە سابىق پىرېزىدېنت بۇش دەۋرىدە باشلانغان تارىختىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشىنى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتۇرىدىكەن. بايدېن بىلەن كازىمى بۇ دۈشەنبە ئامېرىكا-ئىراق ئىستراتېگىيەلىك سۆھبىتىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە ئاقساراينىڭ ئېللىپىس شەكىللىك ئىشخانىسىدا تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە كۆرۈشكەن. بايدېن يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ئۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۇ باياناتىدا: «ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى رولى ھەرىكەتچان بولىدۇ. بىز داۋاملىق ئىراق ھۆكۈمىتىنى ياردەم بىلەن تەمىنلەيمىز، ئىراق ئەسكەرلىرىنى مەشىقلەندۈرۈشكە ياردەم قىلىپ، دائىشقا قارشى داۋاملىق كۈرەش قىلىمىز، ئەمما بۇ يىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىراقتىكى ئۇرۇش مەيدانىدا قايتا پەيدا بولمايمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئىراقتا 2500 ئامېرىكا ئەسكىرى بار بولۇپ، ئۇلار دائىشنىڭ قالدۇق كۈچلىرىگە قارشى تۇرۇشنى ئاساس قىلغان. بۇندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى رولى پۈتۈنلەي ئىراق ئەسكەرلىرىنى مەشىقلەندۈرۈشكە ئۆزگىرىدىكەن.

بۇ خەۋەر 785 قېتىم كۆرۈلدى
28/07/2021 14:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق