ئەنگلىيە خىتاينىڭ يادرو ئېنېرگىيە شىركىتى بىلەن ھەمكارلىقنى توختىتىشنى پىلانلىغان

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە خىتاينىڭ يادرو ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنى كەلگۈسىدىكى ھەمكارلىق پىلانىدىن چىقىرىۋېتىشنى پىلانلىغان.

ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەردار كىشىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يادرو ئېنېرگىيەسى شىركىتى «خىتاي ئاممىباب يادرو ئېنېرگىيە گۇرۇھى»نى كەلگۈسىدىكى بارلىق يادرو ئېنېرگىيە تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بولغان مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىشى ئەنگلىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان سۇفولكتىكى (Suffolk) سايزۋېل يادرو ئېلېكتىر تۈرىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەسلىدە بۇ پىلان خىتاي ئاممىباب يادرو ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ قوللىشى بىلەن فىرانسىيە ئېلېكتىر شىركىتى (EDF) تەرىپىدىن قۇرۇلماقچى بولغان بولۇپ، خىتاينى بۇ تۈردىن چىقىرىۋەتكەندە، قۇرۇلۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. 

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن دۈشەنبە: «ئەنگلىيە تەرەپ خىتاي شىركەتلىرىنى ئادىل ۋە كەمسىتىشكە ئۇچرىمايدىغان سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشى، خىتاي بىلەن ئەنگلىيە ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئەمەلىي ھەمكارلىق ئورنىتىشى كېرەك» دېگەن.

بۇ خەۋەر 740 قېتىم كۆرۈلدى
27/07/2021 11:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق