ئامېرىكا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەر سېتىۋېلىشىنى چەكلەشنى ئويلاشماقتا

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى سېتىۋېلىشىغا قارشى قانۇن چىقىرىشنى پىلانلىغان.

ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكا دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك شىركەتلىرىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى كېڭەيتكەن. ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ پۇل ئاجرىتىش كومىتېتى يېقىندا يېزا ئىگىلىك ۋە باشقا ئالاقىدار ئورۇنلارغا پۇل ئاجرىتىپ بېرىش قانۇن لايىھەسىگە قاراپ چىققاندا، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن دېھقانچىلىق يەرلىرىنى قىسمەن سېتىۋالغان ياكى تولۇق كونترول قىلىدىغان شىركەتلەرنى قىسمەن ياكى تولۇق كونترول قىلىشنى چەكلەيدىغان ماددىنى كىرگۈزگەن. بۇنىڭدىن باشقا، بۇندىن بۇرۇن ئامېرىكىدا تېرىلغۇ يەرلەرگە ئىگە بولغان خىتاي شىركەتلىرى فېدېراتسىيە دېھقانچىلىق ئورنىدىن تولۇقلىما ئىلتىماس قىلالمايدىكەن. بۇ قانۇن لايىھەسى نۆۋەتتە كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ تەستىقىنى كۈتمەكتىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، پەقەت 2013-يىلىلا خىتاي شۇاڭخۇي گۇرۇھى ئامېرىكىنىڭ سىمىسفىلد يېمەكلىك شىركىتىنى (Smithfield Foods) سېتىۋالغاندا، ئامېرىكىنىڭ 60 مىڭ گېكتارغا يېقىن تېرىلغۇ يېرىنى سېتىۋالغان. 2020-يىلىنىڭ بېشىغا كەلگەندە، ئامېرىكىدىكى خىتايلار كونترول قىلغان دېھقانچىلىق تېرىلغۇ يەر تەخمىنەن 78 مىڭ گېكتارغا يەتكەن بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى بىر مىليارد 880 مىليون دوللار ئىكەن. بۇ يەرنى دېھقانچىلىق، ئوتلاق ۋە ئورمانچىلىققا ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. كانادا ئامېرىكىدىكى دېھقانچىلىق يېرىگە ئەڭ كۆپ ئىگە بولغان دۆلەت بولۇپ، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، كانادا شىركەتلىرى ۋە شەخسلەر ئامېرىكىدا جەمئىي ئۈچ مىليون 30 مىڭ گېكتار تېرىلغۇ يەرگە ئىگە بولغان.

ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ چەت ئەل زېمىنىغا ئائىت ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، تەخمىنەن 81 مىڭ گېكتار تېرىلغۇ يەر خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئىكەن. خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى دېھقانچىلىققا سالغان مەبلىغى تېز ئېشىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ 2018-يىللىق تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2009-يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ چەت ئەلگە سالغان دېھقانچىلىق مەبلىغى 10 ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان.

بۇ خەۋەر 743 قېتىم كۆرۈلدى
27/07/2021 11:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق