ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتىدە توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكىتلەندى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېندى شېرمان (Wendy Sherman)توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ «توساق»قا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ 24-ئىيۇل بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېندى شېرمان تيەنجىندە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىشنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، ئەمما رىقابەتنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، باراۋەر رىقابەت مەيدانى ۋە توساق بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

شېرمان يەنە: «ئامېرىكا بۇ كەسكىن داۋاملىشىۋاتقان رىقابەتنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. گەرچە بىز خىتاي بىلەن كەسكىن رىقابەتلىشىۋاتقان بولساقمۇ، ھەممە ئادەم باراۋەر ھالدا ئوخشاش قائىدىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك» دېگەن. 

ئۇ يەنە: «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى خاتا چۈشىنىشنى ئازايتىش ئۈچۈن، بىز يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئالاقە لىنىيەسىنى ئوچۇق ساقلاپ، ئوچۇق-ئاشكارا سۆھبەتلىشىش، ھەتتا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر مەسىلىسىدە ئوچۇق مۇنازىرە قىلىشنى مۇھىم دەپ قارايمىز» دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى قاتتىق يامانلاشقان بولۇپ، تيەنجىن سۆھبىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئىكەن. ئەگەر سۆھبەت ئوڭۇشلۇق بولۇپ قالسا، بۇ بەلكىم پىرېزىدېنت بايدېن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشىغا ئاساس سېلىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ ئۇچرىشىش ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىدا ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا ۋۇجۇتقا چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شېرمان يەكشەنبە تيەنجىن شەھىرىگە يېتىپ بارغان ۋە بىر كۈن ئىچىدە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دۈشەنبە يولغا چىقىشنى پىلانلىغان. تيەنجىن سۆھبىتى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئالياسكا سۆھبىتىنىڭ داۋامى بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

بۇ خەۋەر 896 قېتىم كۆرۈلدى
26/07/2021 16:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق