تەيفېڭ بورىنى جېجياڭ بىلەن شاڭخەيگە ھۇجۇم قىلدى

خىتاي تېڭشۈن تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيفېڭ بورىنى «ساليۇت» 25-ئىيۇل خىتايدىكى جېجياڭ بىلەن شاڭخەيگە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، يۈزمىڭلىغان كىشى تارقاقلاشتۇرۇلغان، ئايروپىلان، مېترو ۋە ئاپتوبۇسلار توختىتىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسمىدا داۋاملىشىۋاتقان قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈندىن كېيىن، «ساليۇت» ناملىق تەيفېڭ بورىنىنىڭ مەركىزى 25-ئىيۇل چۈشتە شاڭخەينىڭ جەنۇبىدىكى پۇجو ۋە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جوشەندە قۇرۇقلۇققا چىققان. بۇ سەۋەبلىك يۈزمىڭلىغان كىشى كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇپ، سودا-سېتىق ۋاقتىنچە توختىتىلغان. مېترو قاتنىشىمۇ ۋاقتىنچە توختىتىلغان بولۇپ، شاڭخەيگە كىرىپ-چىقىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بارلىق ئاھالىلەر ئۆيىدە پاناھلىنىشقا بۇيرۇلغان.

خىتاي ھاۋارايى ئىدارىسى تارقاتقان بۈگۈنكى مەلۇماتتا ئاشكارىلىنىشىچە، «ساليۇت» ناملىق تەيفېڭ بورىنىنىڭ شىمالغا قاراپ مېڭىپ، يەكشەنبە كەچتىن دۈشەنبە ئەتىگەنگىچە جېجياڭدىكى پېڭخۇ ۋە شاڭخەي پۇدۇڭنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئاندىن جياڭسۇ ئۆلكىسىگە بارىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

بىلدۈرۈشىچە، شاڭخەي 362 مىڭ ئاھالىنى يۆتكىگەن. پۇدۇڭ يېڭى رايونىنىڭ دېڭىزغا يېقىنلىقى سەۋەبىدىن يۆتكەلگەن ئادەم ئەڭ كۆپ بولۇپ، 93 مىڭغا يەتكەن.

نەق مەيداندىن ئېلىنغان سىن كۆرۈنۈشلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بوران نۇرغۇنلىغان دەرەخلەرنى ئۇچۇرۇپ كەتكەن، قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ بىر قىسىم تاملىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان يەنە بىر شەھەر خاڭجۇدىمۇ شەنبە كۈنىدىن باشلاپ چېگرادىن كىرىش-چىقىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. نۇرغۇن پويىز قاتنىشىمۇ ئۈزۈلۈپ قالغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بوراننىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 137 كىلومېتىرغا يەتكەن بولۇپ، كەلگۈسى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئاپەت رايونىدا قارا يامغۇر يېغىشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ خەۋەر 870 قېتىم كۆرۈلدى
26/07/2021 15:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق