خېنەندىكى ئاپەت خىتاينى زور تالاپەتكە ئۇچراتتى

خىتاي ياشلار تورىنىڭ 25-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خېنەندە ياغقان قاتتىق يامغۇردا ھازىرغىچە 63 ئادەم ئۆلۈپ، بەش ئادەم يوقاپ كەتكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خېنەن ئۆلكىلىك دائىرىلەر 25-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاپەتنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 16-ئىيۇلدىن باشلاپ 25-ئىيۇل سائەت 12:00 گىچە داۋاملاشقان قاتتىق يامغۇر خېنەن ئۆلكىسىگە تەۋە 139 ناھىيە (شەھەر، رايون) دىكى 1464 يېزا-بازار ۋە كەنتتىكى 12 مىليون 450 مىڭغا يېقىن كىشىگە تەسىر قىلغان. ھازىرغىچە 69 ئادەم ئۆلۈپ، بەش ئادەم يوقاپ كەتكەن. خېنەن ئۆلكىسى جىددىي خەتەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، 861 مىڭ 900 ئادەمنى تارقاقلاشتۇرغان. جىددىي كۆچۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى جەمئىي 1 مىليون 318 مىڭغا يەتكەن. 296 مىڭ ئادەم جىددىي تۇرمۇش ياردىمى ۋە قۇتقۇزۇشقا موھتاج بولۇپ قالغان. رايوندا ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان زىرائەتنىڭ كۆلىمى 876.6 مىڭ گېكتارغا يەتكەن، 24474 ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. جېڭجۇ، شىنشياڭ، خېبېي ۋە كەيفېڭ قاتارلىق ئالتە ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر «ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى مۇھىم رايون» قىلىپ بېكىتىلگەن.

خېنەن ئۆلكىسى جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش بۆلۈمى ئەمەلدارىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خۇيجى دەرياسىنىڭ داۋاڭمياۋ بۆلىكى ئاگاھلاندۇرۇش سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئۆلكىدىكى 11 چوڭ سۇ ئامبىرى ۋە 38 ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرىنىڭ سۈيىمۇ يۇقىرى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن. 

بۇ قېتىملىق ئاپەت خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىرقچىلىقىنى ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەرگە بولغان قاتتىق ئۆچمەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا ئاپەتتە قاتتىق تالاپەتكە يولۇققان خىتايلارنىڭ ئۆز بۇتلىرىدىن «كەلكۈننى ئامېرىكىغا ياكى ياپونىيەگە يۆتكىگەن بولساڭ» دەپ تىلەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

يەنە بىر سىندا بولسا بىر خىتاي ئايالنىڭ نومۇسسىزلارچە: «تەڭرىم، شىنجاڭ شۇنچە چوڭ تۇرسا، نېمىشقا بۇ يامغۇرنى شىنجاڭغا ياغدۇرماي خېنەنگە ياغدۇرىسەن، شىنجاڭغا ياغدۇرغىن» دەپ تىلەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، چەت ئەلدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نارازىلىق ۋە غۇلغۇلا قوزغىغان. مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قايتۇرۇپ، بۇ خىل سىنلارنىڭ خىتايلارنىڭ ئىنسانىيلىقتىن يىراقلاشقان ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 773 قېتىم كۆرۈلدى
26/07/2021 14:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق