ئامېرىكا: خىتاينىڭ ئىراندىن نېفىت سېتىۋېلىشىغا مۇداخىلە قىلىشىمىز مۇمكىن

T24 تورىنىڭ 23-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى ئىراننىڭ ئامېرىكا بىلەن ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان يادرو سۆھبىتىگە قايتىپ كەلمەسلىكى ياكى يېڭى باسقۇچتا تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى، ئىراننىڭ خىتايغا نېفىت سېتىشىنى چەكلەش ھەققىدە تەدبىر قوللىنىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئوخشاش ئەمەلدار ئامېرىكىنىڭ يىل بېشىدا بېيجىڭغا ئاساسلىق نىشاننىڭ 2015-يىلدىكى يادرو كېلىشىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى، ئەگەر ئىران كېلىشىمگە ۋاقتىدا قايتىپ كەلگەن تەقدىردە، ئىران نېفىتىنى سېتىۋېلىپ، ئامېرىكىنىڭ جازالاش تەدبىرىگە خىلاپلىق قىلغان خىتاي شىركەتلىرىگە جازا يۈرگۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

ئىراننىڭ ۋىيېننادا ۋاسىتىلىك سۆھبەتنى قاچان ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقى، يېڭى پىرېزىدېنت ئىبراھىم رەئىيسىنىڭ 20-ئىيۇن ئاخىرلاشقان يەردىن سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقى ياكى سۆھبەتنى يېڭىدىن باشلاشنى تەلەپ قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقى قاتارلىق سوئاللار جاۋابسىز تۇرماقتا.

ياۋروپا خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئامېرىكا ئەمەلدارى تېھراننىڭ مۇددىئاسىنىڭ ئىنتايىن قاراڭغۇ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، يېڭىدىن سايلانغان پىرېزىدېنت ئىبراھىم رەئىيسىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغۇچە سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئەمەلدارى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش ئەزاسى ۋە گېرمانىيە «P5+1»نىڭ 2015-يىلى ئىمزالانغان كېلىشىمنى تىلغا ئېلىپ: «ئورتاق ھەرىكەت پىلانىغا قايتساق، ئىران نېفىتىنى ئىمپورت قىلغان خىتاي شىركەتلىرىگە جازا يۈرگۈزۈشكە ھېچقانداق سەۋەب يوق. ئەگەر مەزكۇر پىلانغا يېقىندا قايتىش ئېھتىماللىقى يوقالغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالساق، ئۇنداقتا بۇ مەيداننى تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن.

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ رېفىنتىۋ نېفىت تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاشىنگتون ئىراننىڭ نويابىردىن مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 557 مىڭ كۈپ ئىران خام نېفىتى سېتىۋالغان خىتايغا قاراتقان جازاسىنى كۈچەيتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ئىرانغا تېخىمۇ قاتتىق بېسىم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە ئىران نېفىتىنى ئەڭ كۆپ ئىمپورت قىلغۇچى خىتاي بولۇپ، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئەشيا ئوبوروت شىركىتى خىتاي شيېخې نېفىت شىركىتى (China Concord Petroleum) جازا يۈرگۈزۈلگەن ئىران ۋە ۋېنېزۇئېلانىڭ نېفىتلىرىنى سېتىۋېلىشتا ئاساسلىق رول ئوينىغانلاردىن بولۇپ قالغان.

بىرۇكىڭس ئىنستىتۇتىنىڭ ئانالىزچىسى روبېرت ئېينخورننىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىرانغا تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش ئېھتىماللىقىغا ئىشارەت قىلىشى ئەمەلىيەتتە ۋاشىنگتوننىڭ تېھرانغا بەزى ئىشلارنىڭ بەدىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى يوشۇرۇن تەھدىتى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ جەرياندا، مۇتەخەسسىسلەر مۇزاكىرە قىلغان يەنە بىر مەسىلە ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋىتى جىددىي ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بېيجىڭنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئېھتىماللىق ئىچىدىكى جازاسىغا قانداق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى، ياكى تېھران بىلەن ۋاشىنگتون ئارىسىدا تاللاشقا توغرا كەلسە، خىتاينىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكى بولماقتا.

بۇ خەۋەر 1030 قېتىم كۆرۈلدى
24/07/2021 14:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق