توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى رەسمىي باشلاندى

خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك بىر يىل كېچىكتۈرۈلگەن 32-نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 23-ئىيۇل كەچتە توكيودا داغدۇغىسىز ئۆتكۈزۈلدى.

ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 32-نۆۋەتلىكى ئەسلى 2020-يىلى توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، خىتاي ۋىرۇسىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا يامراپ كېتىشى سەۋەبلىك، ئارىلىقتا كۆپ قېتىم كېچىكتۈرۈلگەن. بۇ قېتىملىق ئېچىلىش مۇراسىمىدا 68 مىڭ تاماشىبىن سىغىدىغان ئولىمپىك مەيدانىغا ئالاقىدار ئەمەلدارلار، سىياسىيونلار، مۇخبىرلار ۋە باشقا تەكلىپلىك مېھمانلار قوشۇلۇپ پەقەت مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشتۇرۇلغان.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا تەنھەرىكەتچىلەر ماسكا تاقاپ، ئارىلىق ساقلاپ پاراتتىن ئۆتكەن. تاماشىبىنسىز مەيداندا بۇرۇنقىدەك قاينام-تاشقىنلىقتىن ئەسەر يوق بولۇپ، مۇراسىم ئاساسلىقى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا تارقىتىلىشنى مەقسەت قىلغان تەرىقىدە ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىمدا ئالاھىدە تەييارلانغان نومۇرلار قويۇلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك قازا قىلغانلار ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرۇلغان.

خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ياپونىيە خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمى كۈنى توكيودا بىر قىسىم قارشىلىق پائالىيەتلىرى تەشكىللەنگەن. ياپونىيەنىڭ بىر قىسىم سىياسىيونلىرىمۇ خەلقنىڭ نارازىلىقىدىن ئەنسىرەپ، مۇراسىمغا قاتناشمىغان.

بۇ قېتىملىق يازلىق ئولىمپىكنىڭ بىر قىسىم مۇسابىقىلىرى ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن باشلىنىپ بولغان بولۇپ، كەلگۈسى ئىككى ھەپتە ئىچىدە 205 دۆلەتتىن كەلگەن 11 مىڭ تەنھەرىكەتچى 33 تۈر بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.

2022-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نۆۋەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك زور قارشىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، قىشلىق ئولىمپىكنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەسلىكى ھەققىدىكى چاقىرىقلار ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا.

بۇ خەۋەر 1005 قېتىم كۆرۈلدى
24/07/2021 13:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق