تالىبانلار: ئافغانىستان زېمىنىنىڭ %90 نى كونترول قىلدۇق

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىبان باياناتچىسى تالىبان تەرەپنىڭ ئافغانىستان زېمىنىنىڭ %90 نى كونترول قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

تالىبان باياناتچىسى مۇجاھىدنىڭ 22-ئىيۇلدىكى باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە،  تالىبانلار ئافغانىستان زېمىنىنىڭ %90 نى كونترول قىلغان. ئافغانىستان-تۈركمەنىستان چېگرا رايونى، ئافغانىستان-ئىران چېگرا رايونى ۋە ئافغانىستان-پاكىستان چېگرا رايونىمۇ پۈتۈنلەي تالىبانلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن. ئۇندىن باشقا ئافغانىستان-تاجىكىستان چېگرا رايونى، بەدەخشاندىن تاھار ۋە كاندۇغىچە بولغان رايون ۋە شۇنداقلا ئافغانىستان-ئۆزبېكىستان چېگرا رايونلىرىنىڭ كۆپ قىسمى تالىبانلارنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەن. پەقەت كاردار ئۆلكىسىدىكى ھېللاتان يەنىلا ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىنگەندىن كېيىن، ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن. تالىبانلار يېزىلارنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىنلا چوڭ شەھەرلەرگە ھۇجۇم قوزغىغان. قۇربان ھېيتتىن كېيىن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتاردا تۇنجى ئۇچراشقان. ئىككى تەرەپ سۆھبەت مۇساپىسىنى تېزلىتىشكە قوشۇلغان. 

رۇسىيە پىرېزىدېنتنىڭ ئافغانىستاندىكى ئالاھىدە ۋەكىلى ۋە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئىككىنچى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى كابۇلوفۇنىڭ قارىشىچە،  ئىلگىرى ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ سىياسىي مۇرەسسە قىلىشقا تەييار ئىكەن. بىراق ئۇلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسەت بەلگىلىگۈچىلىرى يەنىلا يېتەرلىك ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلغان. 

ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى: «دوھا كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن، تالىبانلار كېلىشىمنىڭ زوراۋانلىقنى ئازايتىش مەزمۇنىغا خىلاپلىق قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن.

بۇ خەۋەر 1442 قېتىم كۆرۈلدى
24/07/2021 13:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق