خىتاي ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي 23-ئىيۇل ئامېرىكىنىڭ سابىق سودا مىنىستىرى قاتارلىق ئالتە شەخس ۋە بىر ئورۇننى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئامېرىكىنىڭ سابىق سودا ئىشلىرى مىنىستىرى ۋىلبۇر روس  (Wilbur Ross)  قاتارلىق ئالتە شەخس ۋە بىر ئورۇنغا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان.

باياناتتا چەت ئەلگە قارشى جازا قانۇنىغا ئاساسەن، ئالتە شەخس ۋە بىر ئورۇنغا جازا يۈرگۈزۈش قارار قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇلار ئامېرىكىنىڭ سابىق سودا ئىشلىرى مىنىستىرى ۋىلبۇر روس، ئامېرىكا پارلامېنتى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى كارولىن بارسولومېۋ (Carolyn Bartholomew)، ئامېرىكا پارلامېنتى مەمۇرىي ئىشلار ئىدارىسى خىتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋە سابىق ئىشخانا مەسئۇلى جوناسىن سىتىۋېرس (Jonathan Stivers)، ئامېرىكا خەلقئارا دېموكراتىيە جەمئىيىتىدىن كىم دويۇن (DoYun Kim)، ئامېرىكا خەلقئارا جۇمھۇرىيەت تەتقىقات ئورنىنىڭ خوڭكوڭ ۋەكىلى ئادام كىڭ (Adam King)، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفى رىچاردسون ۋە خوڭكوڭ دېموكراتىيە كېڭىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئاقساراي باياناتچىسى جېن ساكى (Jen Psaki) ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ھەرىكىتىدىن قورقۇپ قالمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان بارلىق جازالىرىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىنكاس قايتۇرغان. خىتاي جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن شەخس ۋە ئورگانلارمۇ بۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئۆز خىزمىتىگە قىلچە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى  16-ئىيۇل خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش قىلمىشىغا قارشى سودا ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىپ، خوڭكوڭ-خىتاي ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ يەتتە مۇئاۋىن مۇدىرىغا ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزگەنىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ سودا ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا يۈرگۈزگەن جازاغا قارشى بۇ تەدبىرنى قوللانغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتىدا يەنە: «خوڭكوڭ مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، تاشقى كۈچلەرنىڭ خوڭكوڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماقچى بولۇشى مەسئۇلىيەتسىزلىك» دېگەن.

بۇ خەۋەر 925 قېتىم كۆرۈلدى
24/07/2021 11:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق