بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ئۈرۈمچىدىكى يەنە بىر جازا لاگېرىنى جەزملەشتۈردى

بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ئۈرۈمچىدىكى ئۈچىنچى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ جازا لاگېرى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى بۇ يىل 4-ئايدا ئاز ئۇچرايدىغان ئاخبارات پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، داۋانچىڭدىكى ئۈرۈمچى ئۈچىنچى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنى زىيارەت قىلغان. ئۇلار تۇنجى بولۇپ خىتاي تەرىپىدىن زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان غەرب تاراتقۇسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 22-ئىيۇل بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلىپ، زىيارەت جەريانىنى تونۇشتۇرغان.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، مۇخبىر تەخمىنەن 240 كامېر بار مەزكۇر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىكى كامېرلاردا مەھبۇس كىيىمى كىيگەن ئۇيغۇرلارنىڭ داق يەردە تىك ئولتۇرۇپ، تېلېۋىزوردىن كومپارتىيەنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان مەزمۇنلارنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. ئۈزۈمچى ئۈچىنچى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن900  مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېقىن بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى، دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇ ئورۇندا قانچە كىشىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىگە ئاساسەن بۇ ئورۇندا تەخمىنەن 10 مىڭ ئادەم قامالغانلىقىنى مۆلچەرلەپ چىققان. 

سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، داۋانچىڭدىكى مەزكۇر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى 2019-يىلى 1.61 كىلومېتىرغا يېقىن كېڭەيتىلگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىنىڭ كۆلىمى خىتاينىڭ يەنىلا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى داۋاملىق زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1416 قېتىم كۆرۈلدى
23/07/2021 15:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق