فىرانسىيە خىتايدىن كەلگەن يامان غەرەزلىك تور ھۇجۇمىدىن ئاگاھلاندۇردى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 21-ئىيۇل فىرانسىيە دۆلەتلىك ئۇچۇر سىستېمىسى بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فىرانسىيەنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ چوڭ تىپتىكى يامان غەرەزلىك تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، فىرانسىيە دۆلەتلىك ئۇچۇر سىستېمىسى بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گىيۇم پوپارد (Guillaume Poupard) بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، فىرانسىيەنىڭ ھازىر چەت ئەلنىڭ زور كۆلەمدىكى تور ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە «APT31» دەپ ئاتىلىدىغان مەزكۇر خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

فىرانسىيە ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە قايسى شىركەتلەرنىڭ خاككېرلار ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان، ئەمما پەقەت «APT31» خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ فىرانسىيەدىكى نۇرغۇن ئورۇنلارغا كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇمى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. مەزكۇر خاككېرلار گۇرۇپپىسى ئادەتتە جاسۇسلۇق ياكى تېخنىكا ئوغرىلاش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

فىرانسىيە دۆلەتلىك ئۇچۇر سىستېمىسى بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، خاككېرلار ئۆيلەرگە ئورنىتىلغان روتېرنى يەتكۈزۈش نۇقتىسى سۈپىتىدە قوللىنىپ، يوشۇرۇن ھالدا ئىز قوغلايدىكەن ياكى ھۇجۇم قوزغايدىكەن. ئەمما بۇ ئۇقتۇرۇشتىمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئورۇنلار ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ تور ھۇجۇمى بۇ يىل 3-ئاينىڭ بېشىدا يۈز بەرگەن ئامېرىكىدىكى مىكروسوفتنىڭ ئېلخەت سىستېمىسىغا قارىتىلغان تور ھۇجۇمىغا ئوخشىمايدىكەن. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ھۇجۇمدا دۇنيادىكى ئون مىڭلىغان ئامېرىكا تەشكىلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتېرلىرىغا تەسىر قىلغان. 19-ئىيۇلدىن باشلاپ ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، كانادا، ياپونىيە ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، ئۇلار ھازىر ئۇچراۋاتقان خاككېرلار ھۇجۇمىنىڭ خىتايدىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 999 قېتىم كۆرۈلدى
23/07/2021 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق