شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن تورونتودىن ئوتتاۋاغا قاراپ مارافونچە يۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بىلال مالىك ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىن كانادا پايتەختى ئوتتاۋاغا قاراپ مارافونچە يۈرۈش ھەرىكىتى 15 كۈنلۈك مۇساپىنى غەلىبىلىك تاماملاپ  19-ئىيۇل كانادا باش مىنىستىرلىك بىناسى ئالدىدا ئاخىرلاشتى.  

مارافونچە يۈرۈش ھەرىكىتى كانادا كېڭەش پالاتاسىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش، زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش مەسىلىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن باشلانغان بولۇپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى قارارسىزلىقى كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. بۇ ھەرىكەتنى كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بىلال مالىك ئۇيغۇر ئەپەندى باشلىغان. ئۇ «ئەركىنلىك مارشى» دەپ نام بەرگەن بۇ سەپىرىنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىندى.  

كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى سۆز قىلدى ۋە ئۇنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ دەۋاسىنى تونۇتۇش ئۈچۈن قىلغان بۇ ھەرىكەتنى تەبرىكلىدى. 

ئارقىدىن بىلال مالىك ئۇيغۇر ئەپەندى ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى ۋە سەپەر جەريانىدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ ئۆتتى ۋە ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا بۇ ھەرىكەت جەريانىدا تارتقان جاپالىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى چېكىۋاتقان ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. 

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە يول بويى ئۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغان، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن كانادادىكى يەرلىك خەلقلەرگىمۇ ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى.

بۇ خەۋەر 1113 قېتىم كۆرۈلدى
22/07/2021 13:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق