خىتاي دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈش تەلىپىنى ئاشكارا رەت قىلدى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى مەنبەسىگە قارىتا ئىككىنچى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈش پىلانىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنى «ئىلىم-پەنگە بولغان تەكەببۇرلۇق» دەپ سۈپەتلىگەن.

خىتاي سەھىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زېڭ يىشىن بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى مەنبەسىگە قارىتا ئىككىنچى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈش پىلانىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ پىلاندا خىتاينىڭ تەجرىبىخانا تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى پەرەزنىڭ بۇ قېتىملىق تەتقىقاتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىگە قارىتا ئىككىنچى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈشنى خىتايدا باشلاش كېرەكلىكىنى، تەكشۈرۈش ئوبيېكتى ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانا ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارىلىقنى ساقلاشقا چاقىرغان ئىدى.

زېڭ يىشىن سۆزىدە يەنە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئىلمىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنى قوللايدىغانلىقىنى، ئەمما تەكشۈرۈش خىزمىتىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تەرەپنىڭ بۇ سۆزلىرى شەرقىي تۈركىستاننى تەكشۈرۈشنى رەت قىلغاندا قوللانغان ئۇسلۇبىغا ئوخشاش بولۇپ، خىتاي باياناتچىسى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى، ئەمما «جىنايەت ئارتىش خاراكتېرلىك» تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم جار سېلىپ كەلگەن ئىدى.

زېڭ يىشىن يەنە ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەن تەجرىبىخانىسى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ: «2019-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات مەركىزى يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان، ساقلىمىغان ۋە تەتقىق قىلمىغان. ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات مەركىزى ئەزەلدىن يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسنى پىلانلاپ باقمىغان، ياسىمىغان ۋە تارقاتمىغان» دېگەن.

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقىلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى قاراشلار قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتاي ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى ئېنىق تەكشۈرۈپ چىقىش ۋە خىتاينىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ھەققىدە كەسكىن پوزىتسىيەدە بولماقتا. ھەتتا ئىزچىل تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى تېدروسمۇ بۇ ھەپتىدىكى باياناتىدا ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقالغان بولۇشى مۇمكىنچىلىكنى ئالدىراپ چەتكە قېقىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1161 قېتىم كۆرۈلدى
22/07/2021 12:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق