ئەنگلىيە خىتايغا سېتىپ بېرىلگەن ئۆزەك شىركىتىگە ھۆكۈمەت مەبلىغىنى توختاتتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا سېتىپ بېرىلگەن ئەنگلىيە شىركىتىگە ھۆكۈمەت ياردىمىنى توختاتقان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەنگلىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى  شىركەت نىيۇپورت شىركىتى خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماگناتى ۋېنتەي تېخنولوگىيەسىنىڭ قارىمىقىدىكى ئەنشى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ چەكلىك شىركىتىگە سېتىپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى مەزكۇر شىركەتنى ھۆكۈمەت مەبلىغى بىلەن تەمىنلەشنى توختاتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، نىيۇپورت شىركىتى خىتاي شىركىتىگە سېتىۋېتىلىشتىن بۇرۇن، ھۆكۈمەت خىراجەت ئاجراتقان ئون نەچچە تۈرگە قاتناشقان. بۇنىڭ ئىچىدە قىممىتى 520 مىليون فوندستېرلىڭغا يېتىدىغان ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسىنى رادار ۋە سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسىغا ئىشلىتىشكە ئالاقىدار دۆلەت مۇداپىئە پىلانىمۇ بار ئىكەن.

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى جونسون 13-ئىيۇل پارلامېنتتا بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى سىتىفېن لاۋگروۋنىڭ 630 مىليون فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى مەزكۇر سېتىۋېلىش دېلوسىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ پەن-تېخنىكا زوراۋانلىقى ۋە مونوپوللۇقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، غەربنىڭ ئىلغار تېخنىكىسى ۋە ئەقلىي مۈلۈكلىرىنىڭ خىتايغا تەمىنلىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن توسۇشقا تىرىشماقتا.

بۇ خەۋەر 939 قېتىم كۆرۈلدى
22/07/2021 12:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق