كۆز بويامچىلىق داۋاملاشماقتا، خىتاي مەخسۇس قۇربان ھېيتلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» دائىرىلەر قۇربان ھېيتلىق مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 21-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قۇربان ھېيت كېلىشى بىلەن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» دائىرىلەر قۇربان ھېيتلىق مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئورگان تاراتقۇلىرىدا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا تارقىتىشقا باشلىغان. خىتاي بۇ خىل ۋاسىتە بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتكە «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى خۇشال-خۇرام ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ دىنىي پائالىيىتى چەكلەنمىدى» دېگەن ساختا ئۇچۇرنى بېرىشنى مەقسەت قىلغان.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاق مەسچىتنىڭ ئىمامى ئابدۇشۈكۈر رەھمەتۇللاھ، قەشقەر شەھىرىدىكى بىر كاۋاپخانىنىڭ خوجايىنى ياقۇپجان يالقۇن، توقسۇن ناھىيەسى بوستان بازىرى چاڭئەن كەنتىدىن ئابلىكىم ئەركىن قاتارلىق بەش كىشى قاتناشتۇرۇلغان. ئۇلار ئاتالمىش «مىللەتلەرنىڭ ۋەكىلى» سۈپىتىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خۇشال-خۇرام ھېيت قىلغانلىقى ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ: «مۇشۇ يىللاردا ھەر يىلى ھېيت ئۆتكۈزگەندە، ئۆيدىكىلەرگە ھېيتلىق سوۋغات ئېلىپ بېرىمەن، ھەممەيلەن چىرايلىق كىيىنىمىز، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تۇرمۇش سۈپىتىمىز بارغانسېرى ئۆستى. قۇربان ھېيتمۇ بارغانسېرى رەڭدارلاشتى. يىراقتا تۇرۇۋاتقان تۇغقانلارمۇ قايتىپ كېلىپ ھېيت ئۆتكۈزىدۇ، ھازىرقى ھەربىر كۈنىمىز خۇددى ھېيتتەكلا ئۆتىدۇ» دەپ بىلجىرلاشقان.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاق مەسچىتنىڭ ئىمامى ئابدۇشۈكۈر رەھمەتۇللاھ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ: «غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلىدى، دېگەن سۆزلىرى پىتنە-ئىغۋا» دەپ بىلجىرلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىغا ئالاقىدار ھەممە نەرسىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى، قۇربان ھېيتتەك مۇھىم كۈندە خەلقئارانىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلگەن خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ پەقەت مەجبۇرىي گۇۋاھلىق بەرگۈزۈلگەن بىر ئويۇن  سەھنىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1225 قېتىم كۆرۈلدى
22/07/2021 12:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق