خىتايدىكى ئاپەت ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋە غايەت زور ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى

بېيجىڭ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدىكى قاتتىق يامغۇردا 33 كىشى ئۆلگەن، بىر مىليون 250 مىڭغا يېقىن كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، ئىقتىسادىي زىيان بىر مىليارد 222 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 21- ئىيۇل كەچتە خېنەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 16-ئىيۇلدىن بۇيانقى قاتتىق يامغۇردا خېنەن ئۆلكىسى بويىچە 33 كىشى ئۆلۈپ، يەتتە كىشى يوقاپ كەتكەن. 89 ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگاندا جەمئىي بىر مىليون 240 مىڭ 737 كىشى ئاپەتنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان بولۇپ، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 542 مىليون 290 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، جېڭجۇ شەھىرىنىڭ شەھەر رايونى ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان بولۇپ، مېترولار توختىتىلغان، تۆمۈر يول، تاشيول ۋە خەلق ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان. خەتەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن پۈتۈن خېنەن ئۆلكىسىدە 16 مىڭ 325 كىشى جىددىي كۆچۈرۈلگەن، 164 مىڭ 710 كىشى جىددىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تەسىرگە ئۇچرىغان زىرائەتلەرنىڭ كۆلىمى 75 مىڭ گېكتارغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 4700 گېكتار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ۋەيران بولغان.

جېڭجۇ ئايرودۇرۇم دائىرىلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇش قىلىشىچە، 19-ئىيۇلدىن 20-ئىيۇلغىچە قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن، جېڭجۇ ئايرودۇرۇمى 303 نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرغان. مىڭلىغان يولۇچىلار ئايرودۇرۇم زالىدا توختاپ قالغان.

خىتاي قاتناش مىنىستىرلىكىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خېنەن ئۆلكىسىدە قاتتىق يامغۇر ياغقانلىقتىن، 21-ئىيۇل ئەتىگەن سائەت يەتتىگە قەدەر 26 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ 29 بۆلىكى تاقالغان. ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى تېخى بېكىتىلمىگەن. خېنەننىڭ سەككىز دۆلەت يولى ۋە سەككىز ئۆلكە يولىغا تەۋە 30 يول بۆلىكى قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن ۋەيران بولغان.

مۇخبىرنىڭ خېنەن ئۆلكىلىك جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە، 16-ئىيۇلدىن باشلاپ ئۆلكە تەۋەلىكىدىكى 103 ناھىيە (شەھەر، رايون) ۋە 877 يېزا-بازاردا ئۈچ مىليون 400 مىڭ كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، 33 ئادەم ئۆلۈپ سەككىز كىشى يوقاپ كەتكەن. 256 مىڭ كىشى باشقا يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تەسىرگە ئۇچرىغان زىرائەتلەرنىڭ كۆلىمى 215 مىڭ گېكتارغا، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان بىر مىليارد 222 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 974 قېتىم كۆرۈلدى
22/07/2021 11:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق