خىتاي بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى

خەۋەر تۈرك تورىنىڭ 19-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ يازما باياناتىدا، مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەمىھ شۇكرىنىڭ مىسىرغا رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن كەلگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

باياناتتا مەزكۇر ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق، رايون ۋە خەلقئارا سەھنىدىكى تەرەققىياتلار مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ۋە يىغىندىن كېيىن بىرلەشمە ھەمكارلىق كومىتېتى قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالانغانلىقى، بۇ كومىتېتنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق مۇساپىسىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە باھا بېرىش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

يىغىن جەريانىدا مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەمىھ شۇكرى ھىداسى توسمىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى تەرەققىياتلارنى ۋاڭ يىغا يەتكۈزگەن بولۇپ، ئۇ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ھىمايىسىدە سۆھبەتلىشىش ۋە توسمىنى تولدۇرۇش ۋە ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتكەن.

ۋاڭ يى قاھىرە زىيارىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە مىسىرنىڭ نۆۋەتتىكى پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى بىلەنمۇ كۆرۈشكەن بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئۇچۇرىنى سىسىغا ئاغزاكى يەتكۈزگەن. ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇچۇردا خىتاينىڭ مىسىر بىلەن ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقى ۋە مىسىرنىڭ تەرەققىيات، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى قوللايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

سىسى يىغىن جەريانىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا مىسىرنىڭ سۇ بايلىقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى تەۋرەنمەس مەيدانى ۋە ھىداسى توسمىسىدا چەكلەش كۈچىگە ئىگە كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى يەتكۈزگەن. ۋاڭ يى بولسا نىل دەرياسىنىڭ مىسىر ئۈچۈن مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى ۋە توسما كىرىزىسىنى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ئۇسۇلدا ھەل قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

بۇ خەۋەر 1045 قېتىم كۆرۈلدى
21/07/2021 17:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق