ئامېرىكىلىق داڭلىق ئۆلىما ھېيت خۇتبىسىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس توختالدى

شەرقىي تۈركىستان خەلقى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان دەھشەتلىك زۇلۇم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، بىر قىسىم مەشھۇر شەخسلەر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقارماقتا. ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئۆلىما دوكتور ئۆمەر سۇلايمانمۇ بۇ يىللىق قۇربان ھېيت خۇتبىسىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس توختالدى.

دوكتور ئۆمەر سۇلايمان خۇتبە سۆزلەش ئۈچۈن چىققاندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى چۈشۈرۈلگەن كۆك رەڭلىك شارپا ئارتىۋالغان بولۇپ، خۇتبىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىر ئۈممەت ئىكەنلىكىنى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زۇلۇمغا ئۇچراتقان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ۋە شارپىسىنى شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «بۇ بولسا شەرقىي تۈركىستان، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەنچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان جاي. مىليونلىغان كىشىلەر جازا لاگېرىغا قامالغان. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دۆلىتى، مۇستەقىللىقى، ئىززەت-ھۆرمىتى تارتىۋېلىنغان. ئەمما ئارىمىزدا قايسىمىز ئۇلار ھەققىدە بىر نەرسە بىلىمىز...» دېدى.

ئۇ يەنە ھەرقايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىدا بۇ ھەقتە يازما يوللاپ: «بۈگۈنكى خۇتبىدە مەن كەفىيە (باش كىيىمى) بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقىنى تاقىۋالدىم. ئۇيغۇرلار جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشتىن ئىلگىرى، ئەركىن زېمىندا ياشاۋاتقان ئەركىن كىشىلەر ئىدى. خۇددى كەشمىر ۋە پەلەستىنگە ئوخشاش، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىشغالىيەت ۋە ئىستىلانىڭمۇ ئاخىرلىشىشىنى تىلەيمىز. بىز ئافرىقىدىن ئاسىياغىچە، ئامېرىكا قىتئەسىگىچە بىر ئۈممەت...» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دوكتور ئۆمەر سۇلايماننىڭ بۇ ئالاھىدە كۈندە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئاۋاز چىقىرىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى خۇرسەن قىلدى، ئۇلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق دوكتورغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈشتى.

دوكتور ئۆمەر سۇلايمان ئامېرىكىدىكى تەسىر كۈچكە ئىگە ياش ئۆلىمالارنىڭ بىرى بولۇپ، يەقىين ئىسلام تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەئىسى. ئۇنىڭ فېيسبۇكتىكى ئەگەشكۈچىلىرىلا ئىككى مىليون 600 مىڭدىن ئاشىدۇ.

بۇ خەۋەر 965 قېتىم كۆرۈلدى
21/07/2021 16:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق