ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى خىتاي سودا كېلىشىمى ھەققىدە تۇنجى قېتىم بايانات ئېلان قىلدى

بىلۇمبېرگ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېللېن تىرامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ئىمزالانغان خىتاي سودا كېلىشىمى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ سودىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر كېلىشىم توغرىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق تەپسىلىي باياناتى ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇ نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «مېنىڭ قارىشىمچە، خىتايدىن ئېلىنىدىغان باج كۆپ ئويلانمايلا قويۇلغان. تاموژنا بېجى ئەمەلىيەتتە ئىستېمالچىلارغا قويۇلغان باجدۇر. بىز نۇرغۇن مەسىلىلەرگە قويۇلغان باجنىڭ ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىغا زىيان سالغانلىقىنى كۆردۇق» دېگەن ۋە ئالدىنقى ھۆكۈمەت ئىمزالىغان كېلىشىمنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مەسىلىنى ھەل قىلالمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

2020-يىلى 1-ئايدا ئىمزالانغان بۇ كېلىشىم خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىمزالىنىپ 18 ئايدىن كېيىن، ھەر ئىككى تەرەپ ئىمپورت ماللىرىدا تېخىمۇ كۆپ تاموژنا بېجى تۆلىمەكتە.

خىتاي رېجىمى كېلىشىمنىڭ بەزى قىسىملىرىدىن رازى بولغاندەك ئىپادە بىلدۈرگەن بولۇپ، خىتاي سودا مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى گاۋ فېڭ ئالدىنقى ھەپتە: «كېلىشىمنىڭ بىرىنچى باسقۇچى خىتاي، ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن پايدىلىق» دېگەنىدى.  

سابىق دىپلومات ۋە سودا ئەمەلدارى جوۋ شاۋمىڭ بۇ سودا توغرىسىدا يازغان يازمىسىدا: «سودا ساھەسىدىكى جىمجىتلىق بىر غەلىبىدىن بەكرەك، چىقىدىغان بوراننى كۆرسىتىدۇ. بايدېن ھۆكۈمىتى يەنىلا خىتايغا تۇتىدىغان پوزىتسىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە، ئەمما بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا تېخىمۇ قەتئىي ۋە كەسكىن پوزىتسىيەسىدە بولۇشى مۇمكىن» دەپ يازغان. 

سابىق پىرىزدېنت دونالد تىرامپ كېلىشىم ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا قىزىل رەقىمىنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 714 قېتىم كۆرۈلدى
21/07/2021 16:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق