پاكىستان ئەمەلدارى: خىتاي ئاپتوبۇسىنى پارتلىتىش ۋەقەسى بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 19-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستاننىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى پاكىستاندىكى سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىغا يېقىن يەردە يۈز بەرگەن، توققۇز خىتاي ئىشچىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى پارتلاتقۇچ دورا قاچىلانغان ماشىنىنى خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ماشىنا ئەترىتىگە سوققان. ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ئىشچىلار پايتەخت ئىسلامئابادنىڭ شىمال تەرىپىدىكى يىراق شەھەر داسۇدىكى ئىش مەيدانىغا قاراپ كېتىۋاتقان ئىكەن.

بىلدۈرۈشىچە،بۇ قېتىملىق پارتلاش خىتاي قۇرۇلۇش شىركىتى گېجۇبا گۇرۇھىنىڭ ئىشچىلىرىنى ئېلىپ ماڭغان ئىككى ئاپتوبۇسقا ئېغىر زىيان سالغان. ئاپتوبۇسلارنىڭ بىرى توپا يولدىن قاڭقىپ چىقىپ، تىك قىيادىن پەسكە چۈشۈپ، كۈچلۈك ئېقىۋاتقان ھىندى دەرياسى قىرغىقىدا توختاپ قالغان. خىتاي خىزمەتچىلىرى ۋە دىپلوماتلىرى ئىلگىرىمۇ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما چارشەنبە كۈنىدىكى ۋەقە بۈگۈنگە قەدەر خىتاي ئەڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان بىر ۋەقە بولۇپ قالغان. 

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ جۈمە ئالدىنقى پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خانغا تېلېفون قىلىپ، بومبا پارتلاش ۋەقەسىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ۋەقەنى تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ ئاتىغان. 

خىتاي CCTV قانىلىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ماشىنا ئەترىتى شىركەت خىزمەتچىلىرى تۇرغان قورۇدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا پارتلاش يۈز بەرگەن. ھۇجۇمدا 13 ئادەم ئۆلگەندىن باشقا، كەم دېگەندە 41 ئادەم يارىلانغان. ماشىنا ئەترىتىگە ھەمراھ بولۇپ ماڭغان ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچىمۇ پارتلاشتا ئۆلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە ھېچقانداق تەشكىلات بۇ ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىغان. جۈمە كۈنى خىتاينىڭ بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىسلامئابادقا يېتىپ كېلىپ، پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ خەۋەر 931 قېتىم كۆرۈلدى
21/07/2021 15:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق