ئامېرىكىنىڭ خىتاينى قىستىشى بىر قىسىم دۆلەتلەرنى قىيىن ئەھۋالدا قويماقتا

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ گېرمانىيەنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ غەربنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىق شىركەتلىرىنى سېتىۋېلىشىنى چەكلىگەن. گەرچە گېرمانىيە ئامېرىكا تەرەپتە تۇرغان بولسىمۇ، يەنىلا مۈشكۈل ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن. ئامېرىكا نۆۋەتتە شىركەتلەرنى يوشۇرۇن قوشۇۋېلىش ۋە سېتىۋېلىشنىڭ يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، ئامېرىكىنىڭ چەت ئەل تەمىنلىگۈچىلەرگە تايىنىش دەرىجىسى، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ شەخسىي سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىش-قالماسلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، سابىق پىرېزىدېنت تىرامپ دەۋرىدە يولغا قويۇلغان خىتاينىڭ دوۋيىن ئەپ دېتالىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى بايدېن مەزگىلىدە يەنە داۋام قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدە قەد كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتايغا قارشى دۇنياۋى ئىتتىپاق تەشكىللىگەن بولۇپ، ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم شېرىكلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارىغان. ئىككى تەرەپ يېقىندا بىرلەشمە سودا-تېخنىكا كېڭىشى قۇرۇپ، غەربنىڭ مۇھىم تېخنىكىلىرىنى دۆلەت مەبلەغ سالغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سېتىۋېلىشىدىن قانداق قوغداش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە پىلان لايىھەسى تۈزۈپ چىققان. بايدېن بۇ مەسىلىدە گېرمانىيەگە زور ئۈمىد باغلىغان. گېرمانىيە بۇ يىل تاشقى سودا قانۇنىنى چىڭىتىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۈمىدىنى يەردە قويمىغان.

مەزكۇر قانۇن گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ گېرمانىيە شىركەتلىرىنى سېتىۋېلىشىغا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقىنى كۈچەيتكەن. بۇ قانۇنغا ئاساسەن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سېتىۋېلىش ئىلتىماسىنى رەت قىلالايدىكەن. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى سۈنئىي ئىدراك ۋە كىۋانت كومپيۇتېر تېخنىكىسى ساھەسىگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن بولۇپ، خىتايمۇ بۇ تۈر ئارقىلىق دۇنيا بازىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەققىدە خام خىيال قىلىپ كەلگەن.

خەۋەردە تەھلىل قىلىنىشىچە، گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيە خىتاينىڭ دۇنياۋى كۈچنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن سودا مەنپەئەتىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەندىشە قىلىپ، خىتايغا قارشى تۇرۇشتا ئېھتىيات قىلىدىكەن.

بۇ خەۋەر 924 قېتىم كۆرۈلدى
20/07/2021 13:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق