بارسېلونا پۇتبول كۇلۇبى خىتايغا باش ئەگدى

ئىسپانىيە كۈندىلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرى تورىنىڭ 19-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بارسېلونا پۇتبول كۇلۇبى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغاشتىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، H&M شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىق سۆھبىتىنى توختاتقان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق پۇتبول كۇلۇبىنىڭ بىرى بولغان بارسېلونا كۇلۇبى بىر نەچچە ئايدىن بېرى H&M شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ئەمما H&M شىركىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان پاختىلارنى ئىشلەتمەسلىك ھەققىدىكى مەيدانى بارسېلونا كۇلۇبى مەسئۇللىرىنى ئەندىشىگە سالغان. كۇلۇب تەرەپ خىتاي بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا بىلدۈرگەن ۋە ھەمكارلىق سۆھبىتىنى رەسمىي توختاتقان. مەزكۇر خەۋەر ئىسپانىيە EFE خەۋەر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، H&M شىركىتى بىلەن بارسېلونا كۇلۇبى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ يىللىق سوممىسى ئۈچ مىليون ياۋروغا يېتىدىكەن. كۇلۇب مەسئۇللىرىنىڭ 2019-يىلى بىلدۈرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بارسېلونا پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئاسىيادىكى مەستانىلىرى ئومۇمىي مەستانىلىرىنىڭ %37نى ئىگىلەيدىكەن ۋە خىتاي مەستانىلەر بۇنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن. ئۇندىن باشقا بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ ئاز بولمىغان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بار ئىكەن.

شىۋېتسىيەنىڭ خەلقئارالىق كىيىم-كېچەك پارچە سېتىش شىركىتى H&M  گۇرۇھى بۇرۇن خىتايدىمۇ ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشىپ كەلگەن. ئەمما بۇ يىلنىڭ بېشىدا شىركەت شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولغان پاختىلارنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ پىلانلىق بايقۇت قىلىشىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، خىتاي H&M  ماركىسىنى تور سودا سۇپىلىرىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋەتكەن. ھەتتا بەيدۇ خەرىتىسىدە H&M دۇكانلىرىنىڭ ئورنى كۆرۈنمەيدىغان قىلىۋەتكەن. خىتايلارمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا  H&M شىركىتىنىڭ كىيىملىرىنى كۆيدۈرۈپ، بۇ ماركىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى يېقىنقى مەزگىللەردە خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان بولسىمۇ، كۆپلىگەن شىركەتلەر ۋە داڭلىق شەخسلەر ئىقتىسادىي مەنپەئەت سەۋەبلىك خىتاينىڭ جىنايىتىگە كۆز يۇمماقتا، ھەتتا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك شېرىك بولماقتا.

بۇ خەۋەر 1159 قېتىم كۆرۈلدى
20/07/2021 13:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق