غەرب دۆلەتلىرى ئورتاق ھالدا خىتاينىڭ خاككېرلىق قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 19-ئىيۇل ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى بىرلا ۋاقىتتا خىتاينى يامان غەرەزلىك تور ھۇجۇمى قوزغاش بىلەن ئەيىبلىگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا، يېڭى زېلاندىيە، ياپونىيە ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قاتارلىق دۆلەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئوخشىمىغان ئىبارىلەر بىلەن خىتاينىڭ تور ھۇجۇمى قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ باياناتى ئەڭ قاتتىق بولۇپ، پىرېزىدېنت بايدېن خىتاي رېجىمىنىڭ تور ھۇجۇمى جىنايەتچىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغانلىقىنى، ئۇلارغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.

ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن ئاخبارات ئورگانلىرى خىتاي قوللىغان تور خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن 50 دىن ئارتۇق ئىستراتېگىيە، تېخنىكا ۋە ئۇسۇلنى قوللانغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلغان.

خەۋەردە يەنە قەيت قىلىنىشىچە، نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىرېيد 19-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، پارلامېنتنىڭ ئېلخەت سىستېمىسىغا قارىتىلغان تور ھۇجۇمىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي دائىرىلىرىنى تەدبىر قوللىنىپ، بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرغان. ئۇ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا: «بۇ يىل مارتتا يۈز بەرگەن تور ھۇجۇمى بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم دېموكراتىك ئورگىنىمىزنىڭ ئېلخەت سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بىز بۇ خىل ھۇجۇمغا تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرىمىز» دېگەن.

نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نورۋېگىيە ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى بۇ ھۇجۇمنىڭ خىتايدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان گۇرۇپپىلاردىن كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. نورۋېگىيەنىڭ بىر نەچچە ئىتتىپاقدىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە مىكروسوفت شىركىتىمۇ بۇ ئۇچۇرنى دەلىللىگەن. 19-ئىيۇل نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى خىتاي دىپلوماتلىرىنى چاقىرتىپ نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ قىلمىشنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 19-ئىيۇل مۇناسىۋەتلىك ئەيىبلەشلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينى نىشانلىغان سىياسىي ئويۇنى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان ۋە: «بىز ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئىشەنچلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

بۇ خەۋەر 1012 قېتىم كۆرۈلدى
20/07/2021 12:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق