ئامېرىكا گوللاندىيەنىڭ خىتايغا ئىلغار ئۈسكۈنە سېتىپ بېرىشىنى توسۇپ قالدى

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي گوللاندىيەنىڭ بىر قىسىم ئىلغار ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ خىتاينىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشقان. 

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ئىزچىل ھالدا گوللاندىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ASML شىركىتى ئىشلەپچىقارغان دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق ئوپتىك ئويما سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئىنتىل، سامسۇڭ قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى 180 توننا كېلىدىغان بۇ ئالاھىدە ماشىنىنى ئالدىنقى قاتاردىكى يانفون ۋە G5 كۆچمە ئۈسكۈنىلەردىن تارتىپ، سۈنئىي ئىدراك ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كومپيۇتېرلارغىچە بولغان ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىدىكەن.

خىتايمۇ خۇاۋېي قاتارلىق يەرلىك ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلىرىنى 150 مىليون دوللار قىممىتىدىكى بۇ ئىلغار ماشىنا بىلەن تەمىنلەشنى ئويلاشقان. ئەگەر خىتاينىڭ مەقسىتى ئەمەلگە ئاشسا، بۇ تۈردىكى تېخنىكا ساھەسىدە چەت ئەلگە بېقىنىشنى ئازايتالايدىكەن. ئەمما ASML  شىركىتى تېخىچە خىتايغا مال يەتكۈزۈپ بەرمىگەن بولۇپ، گوللاندىيە ئامېرىكىنىڭ بېسىمى بىلەن مەزكۇر ئۈسكۈنىنىڭ خىتايغا قارىتا ئېكسپورت ئىجازەتنامىسىنى توختىتىپ قويغان.

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ ماشىنىنىڭ سېتىلىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر تەدبىرلىرى خىتاي-گوللاندىيە مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرگەن. بۇ ئىشتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى گوللاندىيە تەرەپتىن نېمە ئۈچۈن ASML شىركىتىگە ئىجازەتنامە بەرمەيدىغانلىقىنى توختىماي سۈرۈشتە قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ASML شىركىتىنىڭ ئىلغار ئۈسكۈنىسى بولمىسا، خىتاينىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلىرىنىڭ زاماننىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان ئىلغار ئۆزەك ياسىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، خىتاينىڭ ASML شىركىتىنىڭ نۆۋەتتىكى تېخنىكا سەۋىيەسىگە يېتىشى ئۈچۈن كەم دېگەندە 10 يىل ۋاقىت كېتىدىكەن.

بۇ خەۋەر 901 قېتىم كۆرۈلدى
20/07/2021 11:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق