ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى ئەركىن مۇشتلىشىش مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە

18- ۋە 19-ئىيۇل كۈنلىرى ئىستانبۇلنىڭ ئەسەنلەر رايونىدىكى ئەسەنلەر تەنتەربىيە كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەركىن مۇشتلىشىش مۇسابىقىگە قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 

مۇسابىقىنى تۈركىيە مۇئايتاي بىرلەشمىسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان. مۇسابىقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتامان جانبازلىق كۇلۇبىدىن 12 ماھىر قاتناشقان بولۇپ، بۇلار ئىچىدىكى 10 ماھىر رەقىبىنى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن يېڭىپ ئالاھىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن. ئىككى ماھىر ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن. 

ئۇيغۇر ماھىرلىرى ئاساسەن 45 كىلوگىرامدىن 85 كىلوگىرامغىچە بولغان دەرىجە بويىچە مۇسابىقىگە چۈشكەن بولۇپ، بۇلار ئىچىدىكى 17 ياشلىق ماھىر ئىمران ئابلىز 80 كىلوگىراملىقلار بويىچە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، مەردان ئابلىز 85 كىلوگىراملىقلار بويىچە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، ئېھسان ئابلىز بولسا 60 كىلوگىراملىقلار بويىچە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.

ئۇندىن باشقا ئىكرام ئابلىز، ئابدۇللاھ ئابدۇسالام، پەخرۇددىن ئابدۇمىجىت، ئىبراھىم ئابلىز، بەرراھ ھەمزە، ئىبراھىم مەمەتجان، مۇستاپا قاتارلىق يەتتە ئۇيغۇر ماھىرمۇ ئۆگەنگەن ماھارەتلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن. ئابدۇلئەزىز، تەلھە ھەمزە قاتارلىق ئىككى ماھىر ئىككىنچى دەرىجىلىك مېدالغا ئېرىشكەن.

ئاتامان جانبازلىق كۇلۇبىنىڭ مەشقاۋۇلى خالىد ئاتامان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈن مۇسابىقىگە چۈشكەن ماھىرلىرىنىڭ ئۆگەنگەن ماھارەتلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق جارى قىلدۇرغانلىقىنى، شاگىرتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ ئىرادىسى ۋە كۈچىنى نامايان قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىپادىسىدىن رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈرك ماھىرلىرى ئىرانلىق ماھىرلارغا كۆپ ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇيغۇر ماھىرلار تۈرك ماھىرلار بىلەن بىر قاتاردا مۇسابىقىگە چۈشۈرۈپ، رەقىبىنى ئۈستۈن ماھارەت بىلەن يەڭگەن، مۇسابىقە قاتتىق ھاياجان ئىچىدە داۋام قىلغان. 

مەشقاۋۇل خالىد ئاتامان ئۆزىنىڭ كەلگۈسى پىلانلىرى ۋە ئارزۇلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «ئەركىن مۇشتلىشىش تۈرى خەلقئارادا قاتتىق تەرەققىي قىلىپ، ئالقىشقا ئېرىشكەن تۈرلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇر خەلقىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇش، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تەن ساپاسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەرزەنتلىرىنى بۇ تۈردە يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى مۇھىم. شۇڭا مەن شاگىرتلىرىمنى چوڭ مۇسابىقىگە كۆپ قاتناشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى جانبازلىق ساھەسىدە تونۇتۇشنى نىشان قىلدىم. خەلقىمىزنىڭمۇ بۇ ساھەگە ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1090 قېتىم كۆرۈلدى
19/07/2021 15:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق