خىتاي يەنە كانادا خەلقىنى ئالداشقا ئۇرۇندى

خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 16-ئىيۇل خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى» بىرلىكتە كاناداغا قارىتىلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق مەخسۇس سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» يېقىندىن بېرى خەلقئارادا جىددىي كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە ئەگىشىپ، خىتايمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش مەقسىتىدە يالغان تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتمەكتە. بۇ قېتىم خىتاي كاناداغا قارىتىلغان مەزكۇر تەشۋىقات يىغىنىنى ئۆتكۈزگەن.

بۇ قېتىملىق تەشۋىقات پائالىيىتىنى خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارلىرى بىرلىكتە تەشكىللىگەن. ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنىغا قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى پۈتۈنلەي بۇرمىلاپ تونۇشتۇرغان.

ئۇ سۆزىدە قېلىپلاشقان جۈملىلەرنى تەكرارلاپ: «يېقىندىن بۇيان ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ، مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. خەلق خاتىرجەم، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى» دەپ بىلجىرلىغان.

يىغىنىدا يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ساختا تەشۋىقات فىلىمى قويۇلغان. يىغىندا يەنە ھەرقايسى جايلاردىن ئېلىپ كېلىنگەن ئاياللار ۋەكىللىرى، ئاتالمىش «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزىنى پۈتتۈرگەن»لەر، يەرلىك ئەمەلدارلار، دىنىي زاتلار دەپ تونۇشتۇرۇلغان شەخسلەر سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىپ، بىر تەرەپتىن خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن زىيارەت تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە دۆلەتلەرگە ھەر خىل شەرتلەرنى قويۇپ، زىيارەت قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەخمەق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1009 قېتىم كۆرۈلدى
19/07/2021 11:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق