ئامېرىكا تىنچ ئوكيانغا خىتايغا قارشى زور تۈركۈمدە كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلان ئەۋەتتى

ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى مۇشۇ ئايدا 20 نەچچە F-22 تىپلىق كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلانى ئەۋەتىپ، تىنچ ئوكياننىڭ غەربىدە مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. بۇ قەدەم ئامېرىكا خىتاينى قورقۇتماقچى بولۇۋاتىدۇ، دەپ ئىزاھلانغان.

F-22 تىپلىق ئايروپىلانلار بەشىنچى ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلان بولۇپ، سېنزور سىستېمىسى بىلەن ئۇچۇر سىستېمىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۇچقۇچىلىرىغا جەڭ مەيدانى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدىغان، ناھايىتى تۆۋەن سەۋىيەدىكى رادار ئىزى بىلەن يۇقىرى دەرىجىدىكى كۆرۈنمەسلىك ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىپ ئىشلەنگەن، مەخپىي تېخنىكىلىق، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلان دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. ئامېرىكا ئۇنى خەلقئارادىكى ئەڭ مۇھىم ھۇجۇملاردا ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ كېلىشتە ئەڭ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىمەكتە.   

تەھلىلچىلەر بۇ ھەقتە: «بۇ كۈچلۈك ئايروپىلانلارنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كەڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى خىتاي تەرەپتىن يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان دۈشمەنلىك ھەرىكىتىگە قارشى كۈچلۈك ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ» دېيىشمەكتە.

ھاۋايدىكى تىنچ ئوكيان ھاۋا ئارمىيەسى بۇ ھەپتە ھاۋاي ھاۋا ئارمىيە دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئالياسكىدىكى بىرلەشمە ئېلمېندورف-رىچاردسون بازىسىدىن تەخمىنەن 25 دانە F-22 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ تىنچ ئوكيان تۆمۈر ھەرىكىتى-2021 مانېۋىرى ئۈچۈن بۇ ئايدا گۇئام ۋە تىنيەن ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇندىن باشقا، تىنچ ئوكيان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى گېنېرال كېن ۋىلسباخ  CNN غا ئۆزلىرىنىڭ تىنچ ئوكيان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكەت رايونىغا ئەزەلدىن بۇنداق كۆپ كۈرەشچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ھاۋايدىكى مۇداپىئە ئانالىزچىسى، ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابى بىرلەشمە ئاخبارات مەركىزىنىڭ سابىق سودا ئىشلىرى دىرېكتورى كارل شۇستېرمۇ مانېۋىرغا زور تۈركۈمدە F-22 ئايروپىلانى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ خىتايغا نىسبەتەن جىددىي ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. شۇنداقلا تىنچ ئوكيان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خىتاينىڭ ھاۋا ئارمىيەسىدىكى پۈتكۈل ئايروپىلانلارنىڭ سانىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بەشىنچى ئەۋلاد ئايروپىلانلارنى ئورۇنلاشتۇرالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

شۇستېر يەنە سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىپ: «خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ نۆۋەتتە تەخمىنەن 20 دىن 24 كىچە بەشىنچى ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلانى بار. ئەمما بېيجىڭنىڭ بۇ ساھەدىكى ئىقتىدارىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ» دېگەن.

خىتاي تەرەپ بولسا بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنى دۇنيا تەرتىپىنى بۇزدى، دەپ ئەيىبلىگەن.

ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ فىلوتىدا تەخمىنەن 180 دانە F-22 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان بار بولۇپ، ئاسراش ئېھتىياجى سەۋەبىدىن ھەر قېتىم پەقەت يېرىمى مەشغۇلات قىلىدىكەن. بۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا F-22 كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ تەخمىنەن %25 تىنى تىنچ ئوكيان مانېۋىرىغا ئەۋەتىشنى پىلانلىغان.

بۇ خەۋەر 996 قېتىم كۆرۈلدى
17/07/2021 15:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق