ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسى بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش تەكلىپىنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسى 15-ئىيۇل بېلەت تاشلاپ، كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش تەكلىپىنى ماقۇللىغان.

ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسى 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋەھشىي جىنايى قىلمىشلىرى بىلەن ئەيىبلەنگەن دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلمەسلىكى كېرەك، دەپ قارىغان بولۇپ، ئەگەر خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش قىلمىشىنى ئاياغلاشتۇرمىسا ۋە ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى، پۇقرالىرى ۋە ئورگانلىرىغا قارىتىلغان جازانى بىكار قىلمىسا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە ۋەكىللىرىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى رەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. 

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ تەكلىپنى ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى تىم لۇفتون ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇمۇ خىتاي تەرىپىدىن جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئەنگلىيەلىك سىياسىيونلىرىنىڭ بىرى. ئۇ پەيشەنبە بىلدۈرگەن سۆزىدە خىتاينىڭ 2008-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئولىمپىك مەزگىلىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نامايىش قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىشكە ۋەدە بەرگەنلىكىنى، ئەمما نامايىشقا ئىلتىماس قىلغانلارنى قولغا ئالغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا بەرگەن ۋەدىسىگە قىلىنغان بىر مەسخىرە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەمدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا مىڭلىغان تىبەتلەرنى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىپ، تۈرمىگە تاشلاپ قىيىن-قىستاققا ئالغانلىقىنى، ئۆلتۈرگەنلىكىنى، خىتاينىڭ يەنە پىكىر ئەركىنلىكى، ئاخبارات ۋە سىياسەت ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، خىتاي-ئەنگلىيە بىرلەشمە خىتابنامىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، خوڭكوڭدا دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنى يولغا قويغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.

ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئافزال خان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا نەچچە مىليون خەلقنى جازا لاگېرىغا سولىغانلىقىنى قەيت قىلىپ: «خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى توختىتىدىغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق ئالامەت يوق. بىز بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن دىپلوماتلارنى ئەۋەتىپ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرماسلىقىمىز لازىم» دېگەن. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسى بۇ يىل 4-ئايدا بىردەك ئاۋاز بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى باستۇرۇش قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىپ، خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 1001 قېتىم كۆرۈلدى
17/07/2021 13:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق