ئامېرىكا خوڭكوڭنىڭ يەتتە ئەمەلدارىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى جۈمە كۈنى خوڭكوڭ بىلەن خىتاي ئالاقىلىشىش ئىشخانىسىنىڭ يەتتە مۇئاۋىن مۇدىرىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيە تۈزۈلمىسىگە سىستېمىلىق بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى، سايلامنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى ۋە سايلانغان ئەزالارنىڭ سالاھىيەتلىرىنى بىكار قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ يەنە خوڭكوڭنىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى 50 يىلغىچە ئۆزگەرتمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە: «ئۆتكەن بىر يىلدا خوڭكوڭنىڭ سودا مۇھىتى ناچارلاشتى، ئىلگىرى خىتايدا داۋاملاشقان قانۇن، پۇل-مۇئامىلە، سودا قاتارلىق جەھەتلەردىكى خەتەرلىك مۇھىتلار خوڭكوڭدا كۈنسېرى ئومۇملاشتى» دېگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ خوڭكوڭ خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەنگەن. 

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئەمەلدارلار چېن دوڭ، خې جىڭ، لۇ شىننىڭ، چيۇ خوڭ، تەن تيېنىيۇ، ياڭ جيەنپىڭ ۋە يىن زوڭخۇا قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ ئەمەلدارلارنىڭ ئامېرىكىدىكى مال-مۈلۈكلىرى توڭلىتىلىدىكەن، شۇنداقلا ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەزكۇر ئەمەلدارلار بىلەن نورمال ئالاقە قىلىشى چەكلىنىدىكەن.

بۇ خەۋەر 835 قېتىم كۆرۈلدى
17/07/2021 13:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق