20 مىڭ ئافغانىستانلىق ئامېرىكىدىن ئۆزلىرىنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان

ئەلجەزىرە تورىنىڭ 16-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن ھەمكارلاشقان 20 مىڭ ئافغانىستانلىق ئامېرىكىدىن ئۆزلىرىنى تەڭ چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەرجىمانلىق قىلغان تەخمىنەن 20 مىڭ ئافغانىستانلىق ئامېرىكىدىن ئۆزلىرىنى چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇ سان ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

ئاقساراي باياناتچىسى جېن ساكىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسىگە ھەمكارلاشقان بۇ ئافغانىستانلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، ئامېرىكىدىكى ھەربىي بازىغا ياكى ئامېرىكىنىڭ چەت ئەلدىكى ھەربىي بازىسىغا ۋە ياكى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

نۆۋەتتە ئامېرىكا ھەربىي ياردەمچىلىرىنى ئافغانىستاندىن يۆتكەش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە پىلان تۈزگەن. تارقاقلاشتۇرۇش 7-ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى باشلىنىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى 31-ئاۋغۇستقىچە تاماملىنىدىكەن. ئەڭ ئاخىرقى چەت ئەل ھەربىي خادىملىرىنىڭ چېكىنىشكە باشلىشى ئىلگىرى ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن ھەمكارلاشقان تەرجىمانلار ۋە باشقا ئافغانىستانلىقلارنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى سەۋەبلىك جازاغا ئۇچراشتىن قورققان. نۆۋەتتە تالىبان ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىنگەندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا ۋە چېگرا ئېغىزلىرىنى كونترول قىلىشقا باشلىغان.

بىلدۈرۈشىچە، ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بۇ پەيشەنبە تالىبانلار بىلەن ئۆلكە مەركىزىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇددەتسىز ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن. بۇ سۆھبەت تالىبان ئەسكەرلىرى بەدەخشان ئۆلكىسىنىڭ بارلىق رايونلىرىنى تولۇق كونترول قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن.

مەزكۇر ئۆلكىنىڭ ۋالىيسى ھۈسەيىندىن شەمس رويتېرس ئاگېنتلىقىغا: «ئون قەبىلە ئاقساقىلى ئۇرۇش توختىتىشقا مەسئۇل بولۇشنى قارار قىلدى. شۇڭا ئۇلار ئالدى بىلەن تالىبانلار، ئاندىن يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن سۆزلىشىپ، سۈلھى تۈزدى. تالىبان ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ قەلئە ناۋ شەھىرىنىڭ چېتىگە چېكىنىشى توغرىسىدا قەبىلە ئاقساقاللىرى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلدى» دېگەن.

تالىبان باياناتچىسى بۇ كېلىشنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلغانلىقتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى رەت قىلغان بولۇپ، پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن شەھەردىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ خەۋەر 959 قېتىم كۆرۈلدى
17/07/2021 10:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق