ئافغانىستان ۋەزىيىتى سەۋەبلىك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرى يىغىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئافغانىستان ۋەزىيىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەن بولۇپ، 14-ئىيۇل تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبەدە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىدا ئافغانىستان مەسىلىسى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. 

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئافغانىستان ھەققىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ ئۇرۇش، تېررورلۇق ۋە زەھەرلىك چېكىملىكتىن خالىي دۆلەتكە ئايلىنىشىغا ياردەم بېرىشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە ئافغانىستان توقۇنۇشىغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەرنى قورال كۈچى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى چېگرا رايونلىرىدا مۇقىمسىز ۋە مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ھەرىكەتلەرنى پەيدا قىلماسلىققا چاقىرغان. 

بىلدۈرۈلۈشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا سەككىز دۆلەتنىڭ ھەممىسىنىڭ ئافغانىستاندا مەنپەئەتى بار بولۇپ، بىر كۈن ئىلگىرى مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئورېنبۇرگ شەھىرىگە توپلانغان. يىغىندا بۇ يىل 9-ئايدا ئورېنبۇرگ ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دۈشەنبەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىغا قاتناشقان. ئافغانىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچىسى بولۇپ، ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دۈشەنبەدە نۇرغۇن ئەزالار بىلەن ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. يىغىنىدا رۇسىيە ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشىنى قوللىغان.

نۆۋەتتە ئافغانىستاندىكى قالايمىقانچىلىق تاجىكىستانغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، تالىبانلار تاجىكىستان چېگراسىنى كونترول قىلغاندىن كېيىن، ئاساسلىق چېگرا ئېغىزىدىكى تاموژنا خىزمىتى داۋام قىلغان. يۈك ماشىنىلىرى ئىككى تەرەپ ئارىسىدا داۋاملىق قاتنىغان. تاجىكىستان دائىرىلىرى پاناھلىنىش تەلەپ قىلىش ئۈچۈن يېقىندا چېگرادىن ئۆتكەن 2000 ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئەسكىرىنى قايتۇرۇپ بەرگەن. تاجىكىستان ھازىر ھەربىي خادىملاردىن باشقا، ئافغانىستان پۇقرالىرىنىڭ قېچىش دولقۇنىغا دۇچ كەلگەن. مۇساپىرلار ئاساسلىقى تاجىكىستان، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئافغانىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان بەدەخشان رايونىغا توپلانغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئافغانىستاندىن كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ سانى 1000 غا يېتىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1122 قېتىم كۆرۈلدى
16/07/2021 16:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق