كۆك ئاي جەمئىيىتى قۇربان ھېيتلىق ياردەم تارقاتتى

شەرقىي تۈركىستان كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن، ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئۇيغۇرلارغا نەق پۇل ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملارنى تارقىتىپ بەردى.

كۆك ئاي جەمئىيىتى بۇ قېتىم ياردەمگە ھەقىقىي ئېھتىياجى بار كىشىلەرنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 7-ئىيۇلدىن 15-ئىيۇلغىچە بەش نەپەر مېيىپ، 51 نەپەر كېسەل، 80 نەپەر تۇل ئايال، 15 نەپەر قۇرئان كۇرسى ئوقۇتقۇچىسى ۋە 50 ئوقۇغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە نەق پۇل تارقىتىپ بەردى، ئۇندىن باشقا يەنە 100 ئائىلىگە ماددىي بۇيۇم تارقىتىپ بەردى. 

جەمئىيەت 13-ئىيۇل يەنە 120 يېتىم بالىغا قۇربان ھېيتلىق كىيىم ۋە ئاياغ تارقىتىپ بەرگەن.

جەمئىيەت قۇرۇلغان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خەلقئارا جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى ۋە ۋەقفىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن خالىسانە خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1021 قېتىم كۆرۈلدى
16/07/2021 15:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق