خەلقئارالىق تەشكىلات بارلىق دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ب د ت دىكى تەسىرىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمىتى تەشكىلاتى بارلىق دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ب د ت دىكى تەسىرىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، جەنۋەدە تۇرۇشلۇق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمىتى تەشكىلاتى 15-ئىيۇل خىتاينىڭ ب د ت ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار بۆلۈمىدىكى نامۇۋاپىق تەسىرى ھەققىدە «خىتاينىڭ ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار بۆلۈمىدىكى نىشانى: ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشمۇ ياكى چەكتىن ئاشقان تەسىر كۈچمۇ؟» ماۋزۇلۇق دوكلات ئېلان قىلغان.

مەزكۇر 28 بەتلىك دوكلاتتا خىتاينىڭ ب د ت ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار بۆلۈمىدىكى تەسىرىنىڭ زور دەرىجىدە كۈچىيىپ كەتكەنلىكى، خىتاينىڭ بۇ ئورۇندىكى مەۋجۇتلۇقى ۋە تەسىر كۈچى ئارقىلىق دىپلوماتىك ئىستراتېگىيە نىشانى بىلەن بىردەك بولغان ئۆلچەم تۇرغۇزغانلىقى ۋە مەبلەغ تەقسىملەپ كەلگەنلىكى، ھەرقايسى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ يوشۇرۇن خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمەت جەمئىيىتىنىڭ تۈر مۇدىرى، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى، مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاساسلىق تەييارلىغۇچىسى سارا بىرۇكس بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ تەتقىقات دوكلاتى خىتاينىڭ ب د ت نىڭ رەسمىي ۋە غەيرىي رەسمىي شەكىلدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى تارتىۋېلىشنى نىشانلىغانلىقىنى جانلىق كۆرسىتىپ بەردى» دېگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ئۆزى خالىغان ئۆلچەمنى ئىجرا قىلىش مەقسىتىدە، باشقا ھۆكۈمەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىشى ئۈچۈن «دەرۋازىۋەنلىك» رولىنى ئۆتىگەن بولۇپ، پەقەت خىتاينىڭ كۆز قارىشىغا ماس كېلىدىغان تەشكىلاتلارلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرەلىگەن، ئۇنداق بولمىسا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان. خىتاي يەنە پائالىيەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا، ھەتتا دىپلوماتلارغا ۋە ب د ت ئەمەلدارلىرىغا تەھدىت سېلىپ، ب د ت نىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ياكى قاتناشماسلىققا مەجبۇرلىغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار بۆلۈمى ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىنى تەشۋىق قىلغان، ھەتتا «بىر بەلباغ بىر يول»غا قارىتا ب د ت نىڭ سىياسىي جەھەتتىن قوللىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ب د ت ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار بۆلۈمى ئارقىلىق مەبلەغ تارقاتقان.

بۇ خەۋەر 829 قېتىم كۆرۈلدى
16/07/2021 14:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق