شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قۇرۇلتىيىدا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇردى

13-ئىيۇلدىن 15-ئىيۇلغىچە ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قۇرۇلتىيى»نىڭ يىللىق يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن.

ئۈچ كۈن داۋاملاشقان يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە دۇچ كەلگەن دىنىي چەكلىمىلەر، خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇش سىياسىتى قاتارلىق مۇھىم تېمىلاردا گۇۋاھلىق بېرىلگەن ۋە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى باستۇرغانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىش جەريانىدا سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىنى كۆپلەپ قوللىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ بۇ خىل يىرگىنچلىك جىنايى قىلمىشلارنى ئۆرنەك قىلىش يولىغا قاراپ ماڭغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇندىن باشقا يىغىنغا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بىروۋنبەك، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى، ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ داڭلىق سىياسىيونلىرى ئىشتىراك قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قانداق ئاياغ-ئاستى قىلىۋاتقانلىقىنى مۇزاكىرە قىلغان ھەمدە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر ئۆز قاراشلىرىنى شەرھلەپ ئۆتكەن.

يىغىندا لاگېر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي چەكلىمە، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، تۇتقۇن قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق گۇۋاھلىق بەرگەن.

يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيارمۇ قاتناشقان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش، ئىسلام دىنىنى  خىتايلاشتۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. ئۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىكىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، زور تۈركۈمدىكى مەسچىتلەرنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى، دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، نۇرغۇن ئۆلىمالارنىڭ تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، يەنە نۇرغۇنلىرىنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقىنى، خەلقنىڭ ھەتتا مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇشتەك ئەقەللىي ھوقۇقلىرىنىڭمۇ چەكلەنگەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن.

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭمۇ ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، چەت ئەلگە ھىجرەت قىلىپ چىققانلىقىنى، شۇندىن بېرى يۇرتىغا قايتالمىغانلىقىنى، تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى، ھەتتا ئاتا-ئاتانىسىنىڭ مېيىت نامىزىغىمۇ قاتنىشالمىغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.

دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار سۆزىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە خىتاب قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ياردەم قىلىشقا، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى توسۇشقا چاقىرغان.

بۇ خەۋەر 1137 قېتىم كۆرۈلدى
15/07/2021 14:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق