ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى رەسمىي ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 14-ئىيۇل بىردەك ئاۋاز بىلەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى رەسمىي ماقۇللىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى جازالاشتىكى ئەڭ يېڭى تەدبىرى بولۇپ، ئەگەر ئامېرىكا دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك يوق، دەپ ئىسپاتلانمىغان تەقدىردە، بۇ قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىكەن ۋە «1930-يىلىدىكى تاموژنا بېجى قانۇنى»غا ئاساسەن، بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىش مەنئىي قىلىنىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى يەنە ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىشى، شۇنداقلا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن نۇسخىسى ئوخشاش بولۇشى كېرەك بولۇپ، بۇ باسقۇچتىن كېيىن ئاندىن پىرېزىدېنت بايدېننىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنۇلىدىكەن. ئەمما ئاۋام پالاتاسىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى قاچان ماقۇللايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇلار ئاۋام پالاتاسىنى تېزدىن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان.

ماركو رۇبىيو بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە كۆز يۇمالمايمىز، شۇنداقلا شىركەتلەرنىڭ بۇ قورقۇنچلۇق خورلاش قىلمىشىدىن پايدا ئېلىشىغا يول قويمايمىز» دېگەن.

بۇلتۇر 9-ئايدا ئاۋام پالاتاسى 406 ئاۋازنىڭ قوللىشى، ئۈچ ئاۋازنىڭ رەت قىلىشى بىلەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى ماقۇللىغان. ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى كېڭەش پالاتاسىدا بۇ قانۇن لايىھەسىگە قارىتا ئىلگىرىلەش بولمىغان. بۇ يىل 4-ئايدا يەنە ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىردەك ئاۋاز بىلەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى ماقۇللىغان.

بايدېن ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارىتىلغان جازانى كۈچەيتىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ سەيشەنبە يەنە ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ شىركىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆزىتىش تورى بىلەن ۋاسىتىلىك باغلانغان تەقدىردىمۇ، ئامېرىكا قانۇنىغا خىلاپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 991 قېتىم كۆرۈلدى
15/07/2021 12:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق